ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەھبىرى مىچ مىككونېل ئەپەندى. 2020-يىلى 21-ئاپرېل، ۋاشىنگتون.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەھبىرى مىچ مىككونېل «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» نىڭ پات-يېقىندا كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇشىغا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىچ مىككونېل جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە پرېزىدېنت ترامپنىڭ (ئۇيغۇرلارنى) «باستۇرۇشتا جاۋابكارلىقى بار ئەمەلدارلارغا نىشانلىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىرىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىرەيلەن رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، قانۇن لايىھەسىنىڭ تېز بولسا كېلەر ھەپتە، ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن ئاۋازغا قويۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

بۇ قانۇن لايىھەسى ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ، خىتاي قاتتىق بېسىمغا ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋۇخەندە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسىنى يوشۇرۇپ، ئۇنىڭ دۇنياۋى ۋاباغا ئايلىنىشى، ئامېرىكادا نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، ئىقتىسادنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

مىچ مىككونېل 7-ماي كېڭەش پالاتاسىدا قىلغان سۆزىدە: «مەن كېڭەش پالاتاسىنىڭ پالاتا ئەزاسى رۇبىيو سۇنغان ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى› نىڭ پات-يېقىندا ماقۇللىشىنى كۈتىمەن» دېگەن.

رۇبىيونىڭ ئىشخانىسى بولسا قانۇن لايىھەسىنىڭ پات-ئارىدا بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، لېكىن ئۇنىڭ قاچان ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ يەنە بىر نۇسخىسى ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ئاۋام پالاتاسىدا مۇتلەق كۆپ ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىرەيلەن قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانسا ئۇنىڭ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئۈستىلىگە بىر قەدەم يېقىنلىشىدىغانلىقى، لېكىن قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئاخىرقى ئاۋاز بېرىشىگە قايتا يوللىنىپ، ئۇنىڭدىكى ھەرقانداق ئۆزگىرىشنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى