
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى زالىدا 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار يىغىنى بىلەن خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىكى: شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلقلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ناملىق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلماقچى.
بۇ ئىككى يىغىنغا ئۇيغۇر، تىبەت، دېموكراتىك خىتاي ۋەكىللىرى ۋە موڭغۇللار قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇلار توققۇز تېمىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقچى.
بۇ مۇزاكىرىلەر نەتىجىسىدە، كوممۇنىست خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىتتىپاقلىق كۈرىشىنىڭ يول خەرىتىسى پىلانلانماقچى. بۇ يىغىن ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ جەنۋەدە چاقىرىلغان 22-نۆۋەتلىك ئالىي يىغىنىغا تەڭ كەلگەن بولۇپ، بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارغىمۇ سۆز ھەققى بېرىلمەكچى ئىكەن.
بولۇپمۇ، 11-چېسلا باشلىنىدىغان خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىكى: شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلقلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ناملىق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا شۋېتسارىيە پارلامېنت ئەزالىرى، ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى، تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى، كىرودىيىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىدىن بولۇپ، كۆپ ساندا كىشى قاتناشماقچى.
يىغىننىڭ باشلىنىشىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىمەكچى.
بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئىككى يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمىتىگە مەسئۇل خادىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.