ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىنىڭ «قىزىل تاغ» تورىدا ئېلان قىلىنغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش توغرىسىدىكى تەشۋىقات رەسىمى.

بۇ يىللىق رامازان ئېيى خىتايدىن تارقالغان ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىس پەيدا قىلغان بىر ئالاھىدە مەزگىلگە توغرا كەلدى.

نۆۋەتتە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلار مەسچىتلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان رامازانلىق كوللېكتىپ ئىبادەتلەرنى ئۆز ئۆيلىرىدە داۋاملاشتۇرماقتىكەن. مانا مۇشۇنداق بىر پەۋقۇلئاددە شارائىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسارىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان رامازان تەقىبلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

يىللاردىن بۇيان ھەر تۈرلۈك چەكلىمە ۋە قاتتىق تەدبىرلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق رامازان ئېيىدا ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويغان.

دۆلەت كادىرلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش تەدبىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان تەدبىرلىرىنىڭ بىرى. بۇ يىللىق رامازان ئېيى باشلىنىشى بىلەن دائىرىلەرنىڭ بۇ تەدبىرلەرنى شەرقى تۈركىستاندىكى مەكتەپلەردە قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

ئۆتكەن ھەپتە، يەنى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى خىتايدىكى «دوۋيىن»، يەنى «تىك-توك» مۇنبىرىگە يوللىنىپ، فېيسبوك، تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە تارقالغان بىر سىن كۆرۈنۈشىدە مەلۇم مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز سىنىپلىرىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ نازارىتى ئاستىدا مەجبۇرىي ھالدا سۇ ئىچىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ سىن كۆرۈنۈشى خىتاينىڭ رامازان تەقىپلىرى ھەققىدە جىددىي ئىنكاس پەيدا قىلدى.

 

مەنبە؛ ئەركىن ئاسيا رادىئوسى