ياۋروپا تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، بالىلار دوختۇرى، تېببىي پەنلەر دوكتورى نۇرلان ئەكبەروف(ئوتتۇرىدا) شاگىرتلىرى بىلەن. 2020-يىلى ئاپرېل، قازاقىستان.

مەلۇمكى، ئوتتۇرا ئاسىيادا 1950-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئىچىدىن كۆپلىگەن ئالىملار يېتىشىپ چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇلار ھەر خىل ساھەلەردە خىزمەت قىلغان ئىدى. بولۇپمۇ ۋەتەن سىرتىدا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قازاقىستاندىن بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر يۈزلىگەن كاندىدات دوكتور ۋە پەن دوكتورلىرى چىققان ئىدى. ئۇلار پەقەت ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئوقۇغان يۇرتلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى باشقا مەملىكەتلەردىمۇ ئەنە شۇنداق ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن. كۆپلىگەن ئالىملار ئۆز ساھەسىدە يەنىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلەپ، زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ھەمدە يۇقىرى دەرىجىدىكى ئۇنۋانلارغا مۇيەسسەر بولغان ھەم ھازىرمۇ شۇنداق چوڭ ئۇتۇقلارغا يەتمەكتە.

قازاقىستاندىكى جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ 6-مايدىكى سانىدا بېرىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستاننىڭ ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىگە سالماقلىق ھەسسە قوشۇپ كېلىۋاتقان بالىلار دوختۇرى، تېببىي پەنلىرىنىڭ دوكتورى نۇرلان ئەكبەروفقا ياۋروپا تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ئۇنۋانى بېرىلگەن.

بىز ئالمۇتا شەھىرىدىكى بالىلار تاشقى كېسەللەر بۆلۈمى ۋە بالىلار كېسىلى ئىلمىي مەركىزىنىڭ بالىلار ئوپېراتسىيەسى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى نۇرلان ئەكبەروف ئەپەندى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۇنداق ئۇتۇققا يەتكىنىنى بىرىنچى نۆۋەتتە ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ھەم دەسلەپكى بىلىم ۋە تەربىيە ئالغان يۇرتىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يېزىنىڭ تەربىيەسى ھېچ قاچان شەھەرنىڭ تەربىيىسىگە ئوخشىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بىرىنچىدىن مۇشۇ يېزامغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئەڭ ئاساسىي ياخشى تەربىيە ئېلىش. بىر چەتتىن ئاتا-ئانىلار، بىر چەتتىن يۇرت تەربىيەلەيدۇ. بىلىم ئېلىش ياشقا قارىمايدۇ. ھەر قانداق ياشتا بىلىم ئېلىشقا بولىدۇ. ياخشى تەربىيە بولسا ھەر ۋاقىتتا بىلىم ئېلىشقا بولىدۇ. ئادەم بالىسى دائىم ئۆزلۈكىدىن بىلىم ئېلىشى، ئىنتىلىشى كېرەك. بىر يول تۇتقاندىكىن، شۇنىڭغا دائىم تىرىشىشى كېرەك. دادىمىز رەھمەتلىك ھەر قاچان بىزگە مۇنداق دەيتتى: ‹بىزنىڭ يېزىدىن چىققان كۆپ ئالىملار بار. ئۇلار قانداق قىلىپ شۇنداق دەرىجىگە يەتتى؟› دادىمىز ھېچ قاچان مۇنۇ ئىشنى ئىشلىسەڭ، ئاخچىنى جىقراق تاپىسەن، مۇنۇنى قىلساڭ، باشقىچە يول تاپىسەن، دېمىگەن ئىدى. ھەر قاچان بىزگە ‹بىلىم ئېلىش كېرەك،» دەيتتى.»

نۇرلان ئەكبەروف كىچىك چېغىدا دادىسى ۋە ئۇ بىلىدىغان زىيالىي كىشىلەرنىڭ ۋەسىيىتى بىلەن بىلىم ئېلىپ، دەسلەپتە نامزاتلىق، ئاندىن دوكتورلۇق ئىلمىي ئىشىنى تاماملىغانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىلمىي ئىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ دائىم ئىجادىي ئىش بىلەن بەند بولۇپ، كۆپ يېڭىلىقلار ياراتقانلىقىنى، بۇنىڭدا بولۇپمۇ ياۋروپالىق، ئامېرىكالىق ئالىملار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ قاتتىق تەسىرى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يېزا ئىگىلىكى پەنلىرىنىڭ دوكتورى، قازاقىستان «ئېكولوگىيە» خەلق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى مەھەممەتجان ئابدۇللايېف ئەپەندى نۇرلان ئەكبەروفنىڭ ئىلىم-پەنگە سىڭدۈرگەن ئەمگىكى ئۈچۈن ئاكادېمىك ئۇنۋانىغا مۇيەسسەر بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەپ، مۇنداق دېدى: «ئىلىمدە ئاكادېمىك بولۇش-ئۆز ئىشىغا بېرىلگەن ئالىم دېگەن سۆز. نۇرلان ئەكبەروف يېزىدىكى ئۇيغۇر مەكتىپىنى ئەلا باھالاردا پۈتتۈرگەن. 1976-يىلى ئالمۇتا دۆلەت تېببىي ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا چۈشىدۇ. 1983-يىلى ئىنستىتۇتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئالمۇتا ۋىلايەتلىك چوڭ ئاغرىقخانىغا بالىلار خىرۇرگى بولۇپ ئورۇنلىشىدۇ. تىنماي ئىزدىنىشنىڭ ئارقىسىدا ئەڭ مۇرەككەپ ئوپېراتسىيەلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كەلمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە نۇرلان ئەكبەروف 200 دىن ئوشۇق ئىلمىي ئەمگەكنىڭ مۇئەللىپى. نۇرلان ئەكبەروف ئامېرىكادا چىقىدىغان ‹پېدىئاترىيە›، يەنى «بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلمى» جۇرنالىنىڭ تەھرىر ھەيئەتلىرىنىڭ بىرى.»

نۇرلان ئەكبەروف 1959-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق كەتمەن يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1997-يىلى نامزادلىق، 2007-يىلى دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى ئۇتۇقلۇق ياقلاپ، كۆپلىگەن ئىلمىي ئەمگەكلەرنى ياراتقان. نۇرلان ئەكبەروف 2007-يىلدىن بۇيان ئامېرىكادىكى سىنسىنناتى بالىلار دوختۇرخانىسى تېببىي مەركىزىنىڭ پەخرىي پروفېسسورى. ئۇ يەنە قازاقىستان، تاجىكىستان ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلمى ۋە خىرورگىيە ژۇرناللىرىنىڭ تەھرىرات كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى.

ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چوڭ ئوقۇتقۇچىسى، تىلشۇناسلىق بويىچە كاندىدات دوكتور خالمىنەم مەسىموۋا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «يېقىندا يۇرتىمىزدىن يەنە بىر ئاكادېمىكنىڭ چىقىشى بىز ئۈچۈن چوڭ ۋە كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق بولدى. نۇرلان ئاكا ئەكبەروف ئانا تىلىدا ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ، پۈتكۈل يۇرتداشلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاقلىغان تالانتلىق، تىرىشچان ئالىم ۋە دوختۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ بىلىمى ۋە ئالاھىدە تىرىشچانلىقى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى ئېلىمىزنىڭ سىرتىدىمۇ كەڭ تونۇلغان ئالىم. نۇرلان ئاكا مۇشۇ كۈنگىچە ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتىدىن قول ئۈزمەي، خەلقىمىزگە، ئېلىمىزگە مۇناسىپ خىزمەت قىلىدىغان ياشلارنى تەربىيىلەشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئاكىلىرىمىزنىڭ بىرى. ئەسلىدە بىزنىڭ يۇرتنى ئالىملار يۇرتى دەيدىكەن. بۇنىڭمۇ ئۆز سەۋەبى بار، دەپ ئويلايمەن. ئاتاپ ئېيتساق يارمۇھەممەت مۇبارەكوف، مەھەممەتجان ئابدۇللايېف، تۇغلۇقجان تالىپوف، ۋالېرىي مەخپىروف، كامالدىن مەنسۇروف ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقىمۇ ياش ئالىملار كەتمەن يۇرتىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەخرى دېسەم، ئارتۇق ئېيتقان بولمايمەن.»

خالمىنەم مەسىموۋا بۇنىڭدىن تاشقىرى كەتمەن يېزىسىدىن ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە باشقىمۇ ساھەلەردىن يېتىلىپ چىققان ھەم قازاقىستانغا تونۇلغان شەخسلەرنىڭمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كېلەچەك ئەۋلادلارنىڭ مىللىي غۇرۇرىنى ئويغىتىشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، نۇرلان ئەكبەروفنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىس ئىكەنلىكى، ئىلىم-پەنگە قوشقان تۆھپىسى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، بىر قاتار مۇكاپاتلار بىلەن تەقدىرلەنگەن ئىكەن. قازاقىستاننىڭ «ئىلھام»، «خەلق قەھرىمانى» مۇكاپاتلىرى، «ئوبېرت كوخ» ۋە «ئالېكساندر-3» نامىدىكى ئوردېن ۋە مېداللار، «سالامەتلىكنى ساقلاش ساھەسىنىڭ ئەلاچىسى»، «ئەڭ ياخشى خادىم»، «ئەڭ ياخشى ئالىم» قاتارلىق نىشانلار ۋە باشقىلار شۇلار جۈملىسىدىندۇر.

مەنبە؛ ئەركىن ئاسيا رادىئوسى