خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىرقى كەمسىتىش ۋە سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنماقتا. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر رايونى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈۋېتىلىشى، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ھەتتا خىتايغا قايتۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم ئەندىشىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.
خوتەن شەھىرى تۇساللى يېزا جالالباغ كەنتى 13-مەھەللىدىن سۇدىنىسا ئابدۇلېتىپنىڭ ئائىلىسى خىتاينىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ۋە پارچىلانغان ئائىلىلەرنىڭ بىرى.
سۇدىنىسا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ يولدىشى ئوسمان ئەخمەت توختى تىجارەتچى بولۇپ، 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەۋەبسىزلا تۇتۇلغان. ئوسمان ئەخمەت توختى ئائىلىسىنىڭ يول مېڭىشى بىلەن 7 ئاينىڭ 14-كۈنى قويۇپ بېرىلگەن. تۈرمىدە ئېغىر قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغان ئوسمان ئەخمەت توختى قايتا تۈرمىگە سولىنىشتىن ئەنسىرەپ قانۇنلۇق يوللار بىلەن 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەتكەن. ئەخمەت توختى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى داۋاملىق ئائىلىسىنى پاراكەندە قىلغان. ئائىلىسىگە ئوسمان ئەخمەت توختىنىڭ قايتىپ كېلىشى توغرىسىدا توختىماي بېسىم قىلغان. ئوسمان ئەخمەت توختى ئائىلىسىنىڭ يېنىغا قايتقۇسى بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەلپازىدىن قورقۇپ قايتمىغان. سۇدىنىسا ئابدۇلېتىپ بۇ جەرياندا 5 بالىسى بىلەن يۇرتىدا قالغان.
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى سۇدىنىسا خانىم يولدىشى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان. بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ قايتىشنى مەقسەت قىلىپ بارغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى بېسىمىنىڭ تۇيۇقسىز ھەسسىلەپ ئېشىشى ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى تۈپەيلى ۋەتەنگە قايتىش ئىمكانىيىتى بولمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتنىك كەمسىتىش سىياسەتلىرى تۈپەيلى ۋەتىنىگە قايتالمىغان. ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىنى خىتاي دائىرىلىرى دائىم پاراكەندە قىلىپ تۇرغان. بالىلىرىغا ئاتا-ئانىسىنىڭ قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن داۋاملىق بېسىم قىلغان.
سۇدىنىسا خانىم ۋە يولدىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر نەچچە يىل داۋام قىلغان پاسپورت قويۇۋېتىش سىياسىتىدە پەقەت ئىككى بالىسىغىلا پاسپورت چىقىرالىغان. سۇدىنىسا خانىم يولدىشى بىلەن پاسپورت ئالالىغان بالىلىرىنى تۈركىيەگە ئېلىپ كەلگەن ۋە بالىلىرىنى ئوقۇتۇش ۋە ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندىن تۈركىيەگە يېنىپ كەلگەن.
بۇ جەرياندا سۇدىنىسا خانىمغا شەرقى تۈركىستاندىن بىر پارچە خەت كەلگەن بولۇپ، خەتتە يولدىشى ئوسمان ئەخمەت توختىنىڭ ئاكىسى مۇتەللىپ ئەخمەت توختى، سۇدىنىسا خانىمنىڭ ئىنىسى ئابدۇغېنى ئابدۇلېتىپ، كۈيئوغلى ئابدۇلېتىپ ئابدۇغېنىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقى ئېيتىلغان. كېيىن قېيناكىسى مۇتەللىپ ئەخمەت توختىنىڭ 2017-يىلى قولغا ئېلىنىپ 10 يىل كېسىلگەنلىكى، كۈيئوغلى ئابدۇلېتىپ ئابدۇغېنىنىڭ 2017-يىلى 12-ئايدا تۇتۇلۇپ، 15 يىل كېسىلگەنلىكى خەۋىرىنى ئاڭلىغان. سۇدىنىسا خانىمنىڭ قىزى مەرھابا ئوسماننىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئۈچ بالىسى بىلەن يالغۇز قالغانلىقى مەلۇم.
سۇدىنىسا خانىم ۋە يولدىشى ۋەتىنىدە قالغان بالىلىرى بىلەن ئاخىرقى قېتىم 2017-يىلى بىرىنچى ئايدا ئالاقە قىلالىغان. شۇ كۈندىن باشلاپ سۇدىنىسا خانىمنىڭ ۋەتەندە قالغان بالىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. بۇ جەرياندا سۇدىنىسا خانىم قېينىنىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئالغان. ئوسمان ئەخمەت توختى ئانىسىنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى ئاڭلىيالمىغان، جىنازا مۇراسىمىغىمۇ قاتنىشالمىغان.
بۇ ئائىلىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەت بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگەپ قالمىغان. 2018-يىلى 5-ئايدا يولدىشى ئوسمان ئەخمەت توختى كەم قالغان ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن قايتا سەئۇدى ئەرەبىستانغا سەپەر قىلغان. 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، يەنى ئوسمان ئەخمەت توختى تۈركىيەگە قايتىدىغانغا ئۈچ كۈن قالغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان. سۇدىنىسا خانىم يولدىشى تۇتۇلۇپ، 6 ئايدىن كېيىن بىر قېتىم تېلېفون تاپشۇرۇۋالغاندىن باشقا، تا ھازىرغىچە يولدىشى ئوسمان ئەخمەت توختىدىن خەۋەر ئالالمىغان.
سۇدىنىسا خانىم سۈرۈشتە قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان تۈرمىلىرىدە ئوسمان ئەخمەت توختى نامىدا بىرى تېپىلمىغان بولۇپ، ئوسمان ئەخمەت توختى سەئۇدى ئەرەبىستاندىمۇ ياكى خىتايغا قايتۇرۇلدىمۇ ھازىرقى ئەھۋالى نامەلۇم. سۇدىنىسا خانىم ۋە ئائىلىسى ھازىرغىچە يولدىشىدىن خەۋەر كۈتمەكتە.
سۇدىنىسا خانىم، ۋەتەندە قالغان ۋە ئالاقىسى ئۈزۈلگەن بالىلىرى مەرھابا ئوسمان(23ياش)، ئابدۇللا ئوسمان(11ياش)، ۋە شەھىدە ئوسمان (9ياش) بىلەن ھەم ناھەق تۇتۇلۇپ، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان يولدىشى ئوسمان ئەخمەت توختى بىلەن قايتا جەم بولۇشى ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى.
سۇدىنىسا خانىمنىڭ تۈركىيەدىكى قىزى ئىلمىنۇر ئوسمان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ دادىسى ۋە قېرىنداشلىرىنى ئىنتايىن سېغىنغانلىقىنى، ئائىلىسىنىڭ پارچىلىنىشقا، قېرىنداشلىرىدىن ۋە دادىسىدىن ئايرىلىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلمايۋاتىمىز دەۋاتىدۇ؟ ئۇنداقتا نېمىشقا بىز ئائىلىمىز بىلەن كۆرۈشەلمەيمىز؟ نېمىشقا ئۇلارنىڭ يامان خەۋەرلىرى ئۈزۈلمەيدۇ؟ ئۇلار بۇنىڭغا جاۋاب بەرسۇن. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن دادام ۋە قېرىنداشلىرىم بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىمەن.»
مەنبە؛ئۇيغۇر ئاسيا رادىئوسى