خىتاي ھۆكۈمىتى 4-ماي كۈنى ئۆزىنىڭ «جۇڭگو گېزىتى» ئارقىلىق «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى» نىڭ قاماقتىكى تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى، نەشرىياتچى ئىمىنجان سەيدىننىڭ بىر قىسقا ۋىدېيوسىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ كېسىلگەنلىكىنى رەت قىلغان. ئۇنىڭ ئۆيىدە سىنغا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ ۋىدېيو «جۇڭگو گېزىتى» نىڭ تۋېتتىر ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ۋىدېيونىڭ ئىمىنجان سەيدىن غايىب بولۇپ دەل 2 يىل بولغاندا ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى. ئۇ غايىب بولۇشنىڭ ئالدىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسى» نىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى تەركىبىدە گۇما ناھىيەسىنىڭ كۆكتېرەك يېزىسىغا تۆۋەنگە چۈشۈپ، 2017-يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرىدا ئۈرۈمچىگە چاقىرتىپ كېلىنگەن. ئۇ ئۈرۈمچىگە كېلىپلا غايىب بولغانىدى.ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۆتكەن يىلى ئۇنىڭ 2019-يىلى 2-ئايدا مەخپىي سوتلىنىپ، «ئاشقۇنلۇققا قۇتراتقۇلۇق قىلىشى» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ۋە 15يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى. نۆۋەتتە، ئۇنىڭ ئامېرىكادا ئوقۇۋاتقان قىزى سەمىرە ئىمىن 5-ماي كۈنى كېچىسى دادىسى بىلەن ئۈندىداردا كۆرۈشكەن. ئۇ، قىزىنىڭ 2 يىلدىن بېرى نەگە يوقاپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىغا ئۆزىنىڭ «تۆۋەنگە خىزمەتكە چۈشۈپ كېتىپ، ئەمدى كەلگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.
سەمىرە ئىمىن 6-ماي كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.
سەمىرە ئىمىن: «ئەمدى ماڭا (تۈرمىدىن) چىقتىم دېمىدى. مەن ئۆزۈم ئەزەلدىن خوتەندە ئىشلەپ كەلگەن، مەن ئۆزۈمنى تېخىمۇ تەرتىپكە سالاي، دەپ تېلېفونۇمنىمۇ ئىشلەتمەي، شۇنداق بىر خىزمەتلەرگە چۈشۈپ كەتكەنتىم. مانا ئەمدى كەلدىم، دەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى پۈتۈنلەي رەت قىلدى. سالامەتلىكىنى دەيدۇ، دوختۇرخانىغا بېرىپ يىللىق تەكشۈرۈش قىلغانتىم، تەكشۈرسەم بەدەنلىرىم شۇنداق ساغلام چىقتى، دېدى. لېكىن پاچىقىدا جىق ھەرىكەت قىلىپ كەتسە بولىدىغان تومۇرنىڭ كېڭىيىش ئەھۋالى بولغان. بىلمىدىم قانداق بولۇپ بۇنداق بولۇپ قالدى».
ئىمىنجان سەيدىننىڭ 4-ماي ئېلان قىلىنغان ۋىدېيوسىدا ئۇ ئۆزىنى «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان كادىرى»، دەپ تونۇشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى رەت قىلغان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ چەتئەلدىكى «جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئىغۋاسى» ئىكەن. ئۇ، قىزىنىڭ بۇنداق گەپلەرگە ھەرگىز ئالدانماسلىقى، بۇنداق گەپلەرنى بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلىپ، «ئەگەر پارتىيە-ھۆكۈمەت بولمىغان بولسا، بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك بەختىيار تۇرمۇشىمىز ھەرگىز بولمىغان بولاتتى» دېگەن. سەمىرە ئىمىن 5-ماي كۈنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مەزكۇر ۋىدېيوغا باھا بېرىپ، ئىككى يىل ئىچىدە ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى دادىسىنىڭ چىرايى ۋە بەستىدە چوڭ ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەزكۇر ۋىدېيوغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، بۇ ۋىدېيونى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلان قىلغانلىقى جەزملەشتۈرۈلمىگەنلىكى، لېكىن خىتاينىڭ دۇنياغا تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش بىلەن تونۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرى دىرېكتورى فرانسېسكو بېنكوزمو 5-ماي ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئەلۋەتتە بىز ئىمىنجاننىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە كېسىلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىمىز. ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇ ئادىل سوتلانمىدى. بۇ ۋىدېيونى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلغانلىقى بىزگە مەلۇم ئەمەس. بۇ جەزىملەشتۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى مەھبۇسلارنى مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش، ئۇلارنى سۆزلەشكە مەجبۇرلاپ، ئابرۇيىنى تۆكۈش بىلەن تونۇلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئۇسۇلنى ئىمىنجانغىلا ئىشلىتىپ قالماي پۈتۈن ئۇيغۇرلارغىمۇ ئىشلىتىدۇ».
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ يىل 2-ئايدا ئىمىنجان سەيدىننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى باشلاپ، كىشىلەرنى خىتاي باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى سۈي تيەنكەيگە خەت يېزىشقا چاقىرغان. چاقىرىقنامىدە ئۇنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغانىدى.
فرانسېسكو بېنكوزمىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ خىل ۋىدېيولارنى كىشىلەر ئانچە بەك ئېتىبارغا ئېلىپ كەتمەسلىك كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پاكىت شۇكى، بۇ دېلودا مەخپىي سوت ئېچىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئادالەتسىز ھۆكۈم بېرىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى بىر خىل تاكتىكا سۈپىتىدە قوللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئىمىنجاننىڭ مەسىلىسىدە بىر ھەقسىزلىق بولمىسا ئۇنى قويۇپ بەرمەسلىككە ھېچقانداق سەۋەب يوقتى ياكى غايىب بولغان ۋە داۋاملىق لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى مۇۋاپىق تەكشۈرۈپ چىققان بولاتتى. شۇڭا، بۇ خىل ۋىدېيولارنى ئېتىبارغا ئېلىپ كەتمەسلىك كېرەك».
سەمىرە ئىمىن 6-ماي كۈنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئەگەر دادىسىغا راست ھېچقانداق ئىش بولمىغان بولسا، شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ دادىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، ئۇنىڭ تۇتۇۋېلىنغان مائاش ۋە پېنسىيە پۇللىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئىمىنجان سەيدىننىڭ 15 يىللىق كېسىلگەنلىكى «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى» نىڭ ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا چۈشۈرگەن بۇ ھەقتىكى بىر ھۆججىتىدىن ئاشكارىلانغان. ئۇنىڭدا ئىمىنجان سەيدىننىڭ 15 يىل كېسىلگەنلىكى، ئۇنىڭغا 500 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، ئۇنىڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكى تەكىتلەنگەن. ھۆججەتتە، ئۇنىڭ «ئاشقۇنلۇققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. سەمىرە ئىمىن ئۆتكەن يىلى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دادىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۇنىڭ «ئەمىن كىتاپچىلىق شىركىتى» نەشر قىلدۇرغان بەزى كىتابلارنىڭ سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى