جون خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارالىق تەتقىقاتلار فاكۇلتېتى سىياسىي ئىقتىساد پروفېسسورى خۇ فۇڭخوڭنىڭ باشقۇرۇشىدا ئۆتكۈزۈلگەن تور سۆھبەت يىغىنىدا كوممۇنىزم قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز، ئامېرىكادىكى بىرىن ماۋر ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى لورېن خانسېن رېسترېپو خانىم ۋە ئادۋوكات، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى نۇرىي تۈركەل ئەپەندىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.
سۆھبەت يىغىنىدا ئالدى بىلەن سۆز ئالغان ئادرىيان زېنز خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باھار پەسلىدىن ئېتىبارەن يۈرگۈزگەن سىياسىتىدىكى «ئاخىرقى باسقۇچ»، يەنى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە نۇقتىلىق توختالغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا ئوخشىمىغان شەكىل ۋە دەرىجىلەر بويىچە يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى، بىراق خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى بويىچە دۇنياۋى كۈچكە ئايلىنىشتىن ئىبارەت پىلانى بويىچە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىدە غايەت زور بۇرۇلۇش ياسىغانلىقىنى ۋە نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستاندا مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى ۋە لاگېر تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئادىرىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ سىياسىتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا، يەنى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇش باسقۇچىغا يېتىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلار ھازىر تۈركۈم-تۈركۈملەپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، لاگېرلاردىن قويۇۋېتىلگەنلەرمۇ ئۇدۇللا مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلغان. ئۇيغۇر رايونلۇق دائىرىلەر مەجبۇرىي ئەمگەكنى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» دېگەن نام ئاستىدا ئەپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى توقۇمىچىلىق سانائىتىنى ئاساس قىلغان زاۋۇتلاردا ئەمگەككە سېلىنماقتىكەن. ئادرىيان زېنىزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 2023-يىلىغىچە 1 مىليون ئىشچىنى مۇشۇ ساھەدە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئادرىيان زېنزنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتىشەرقىي تۈركىستاننى ئەمگەكچى بازىسىغا ئايلاندۇرۇش ئىكەن. چۈنكى ئۇيغۇر ئىشچىلار ئىنتايىن ئەرزان بولۇش بىلەن بىرگە بۇ ئارقىلىق نوپۇسنى مۇتلەق كونترول قىلغىلى بولىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە ھەربىر ئاز سانلىق مىللەت ئەزاسى ئەگەر ئۇ ياشانغان ياكى مەكتەپكە بارىدىغان ئوقۇغۇچى بولمىسىلا چوقۇم دۆلەت تەرىپىدىن بەلگىلەپ بېرىلگەن ئورۇندا ئىشلىشى كېرەككەن. ھازىر ھېچقانداق ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلىش ھوقۇقى يوقكەن.
ئادرىيان زېنىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئىشچىلار بىر بولسا لاگېرلاردىن، بىر بولسا يېزا-قىشلاقلاردىكى ئەمگەك يېشىدىكى كىشىلەردىن تەمىنلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇتلارغا ئەۋەتىلسە، يەنە بىر قىسمىشەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچىدە ئىشقا سېلىنىدىكەن. ئادرىيان زېنز «مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يانداش نىشانى بولسا ئائىلىلەرنى ئايرىۋېتىش، ئەۋلادلارنى ئايرىۋېتىش» ئىكەن.
ئۇ سۆزىنى «خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش ئۈچۈن لاگېرلار، ئۇزۇن مۇددەتلىك كونترول قىلىش، يىلتىزىنى بۇزۇش، ئائىلىنى پارچىلاشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلەرنى يولغا قويۇۋاتىدۇ،» دەپ خۇلاسىلىگەن.
ئارقىدىن ئامېرىكادىكى بىرىن ماۋر ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى لورېن خانسېن رېسترېپو خانىم سۆز قىلغان. لورىن خانىمشەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ شەھەر پىلانلاش قۇرۇلۇشىغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىغا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئەپ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. لورىن خانىم ئۆزىنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى سىياسىتىنى «زېمىن بىلەن كىملىك ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش» دەپ ئىزاھلاشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لورىن خانىم تەتقىقاتىنى شەرقىي تۈركىستاندا نوپۇسى بىر مىليوندىن ئاشىدىغان ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ شەھەرگە مەركەزلەشتۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقى بۇ نىشان بۇ ئىككى چوڭ شەھەرنىڭ شەھەر پىلانلاش قۇرۇلۇشىدا روشەن ئەكس ئەتكەن. لورىن خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلار بۇ شەھەرلەردە ئايرىلىپ ياشىغان، ئەمما ئۇ ۋاقىتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى شەھەرنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان نوپۇسى ئورۇنلاشقان قىسمى بىلەن خىتايلار ئورۇنلاشقان قىسىملىرىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى پەرقلىق بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا تەرەققىي قىلدۇرۇپ ماڭغان. بۇ يىللاردا شەھەر قۇرۇلۇشلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنگەن قۇرۇلۇشلارنىڭ سېلىنىشىغا يول قويۇلغان. 2003-2004-يىللىرى ئارىسىدا ئۈرۈمچىدە سېلىنغان چوڭ بازار قۇرۇلۇشى بۇنىڭ يارقىن ئىپادىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-2015 يىللىرى ئارىسىدا شەھەر پىلانلاش سىياسەتلىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن. ئۇلار 2010-يىلى شەھەر پىلانلاشقا ئائىت ئەسلىدىكى بار پىلاننى پۈتۈنلەي بىكار قىلىپ، يېڭى پىلان تۈزگەن. يېڭى پىلان بويىچە ئۈرۈمچىدە خىتايلار جايلاشقان رايونلارنى كېڭەيتىلگەن، خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىلگەن، ئەكسىچە ئۇيغۇرلار جايلاشقان رايونلارنىڭ تەرەققىياتى توختىتىلغان. ئوخشاش مەزگىلدە قەشقەر قاتارلىقشەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا زور كۆلەملىك قۇرۇلۇشلار ئېلىپ بېرىلغان. ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ساياھەت ئورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلىپ، ئۇلارنىڭ قەدىمىي ئولتۇراقلىشىش ئادەتلىرى بۇزۇۋېتىلگەن. خىتاي نوپۇسى كۆپەيتىلگەن، نەتىجىدە قەشقەر خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شەھەرلەردىن پەرقسىز بولۇپ قالغان.
لورىن خانىمنىڭ قارىشىچە، بۇ مەزگىلدەشەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلغان سىياسەتلەر بازار كاپىتالىزمىغا پۈتۈنلەي خىلاپ بولۇپ، ئۇ پەقەت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش نىشانىغىلا خىزمەت قىلغان. ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىياسەتلىرى توختىتىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتى چەكلەنگەن. يەنىمۇ دىققەت قوزغايدىغىنى، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى شەھەر پىلانلاش سىياسەتلىرىدە يەرلىكنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىنى پىلانلايدىغان ئورگان ۋە شەخىسلىرىگىمۇ ئىشەنمەي، ئۇنى بىڭتۇەننىڭ قولىغا تاپشۇرغان. بىڭتۇەن بۇ مەزگىلدە جەنۇبتا زور كۆلەمدە كېڭەيگەن. بۇ مەزگىلدىكى نۇرغۇن قۇرۇلۇشلارمۇ بىۋاسىتە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ يوليورۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلىپ، نەتىجىدەشەرقىي تۈركىستاندا بۇگۈنكىدەك بىر ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن.
لورىن خانىمنىڭ يۇقىرىقى دوكلاتىدىن كېيىن ئادوۋكات نۇرىي تۈركەل سۆز قىلغان. نۇرىي تۈركەل ئەپەندى يۇقىرىقى ئىككى مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىغا قويغاندەك ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇم شۇنچىلىك سىستېمىلىق ۋە ئېغىر بولۇشىغا قارىماي، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈكۈتى نەتىجىسىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تېخىمۇ يۈرەكلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، تاجسىمان ۋىرۇس تۈپەيلىدىن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى بۇرۇلۇپ كەتكەن بولغاچقا بۇنىڭمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى تېزلىتىدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى. نۇرىي تۈركەل سۆزىدە ئائىلىلەرنى پارچىلاش، بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىش، يىلتىزىدىن ئايرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بويىچە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشىغا غايەت زور زىيان بېرىۋاتقانلىقىنى، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت بويىچە قىرىپ يوقىتىۋاتقانلىقىغا دائىر تولۇق دەلىل-ئىسپات بولمىسىمۇ ئەمما بۇ سىياسەتلىرىنىڭمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ۋە ھەتتا ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، لاگېرلارغا سولاش ۋە يىلتىزىدىن ئايرىشتەك سىياسەتلىرىگە قارشى ئورتاق ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ جىددىي تەقەززاسى، دەپ ئەسكەرتتى.
دوكلاتتىن كېيىنكى سوئال-جاۋاب قىسمىدىمۇ نۇرغۇن تىڭشىغۇچىلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭشەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ يوللىرى ھەققىدە يۇقىرىقى مۇتەخەسسىسلەردىن كۆپلەپ سوئاللارنى سورىدى. مۇتەخەسسىسلەر بىردەك شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ پەرەز قىلىنغاندىن نەچچە ھەسسە ئېغىرلىقى ۋە بۇنىڭغا قارشى دەرھال تەدبىر ئېلىنىشى ۋە بۇنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.