ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان گۇاڭجۇدا ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئەركىن ئاسىيا راىئوسى تەرىپىدىن دەلىللەنگەندىن كېيىن ئۆزىنى «خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر» دەپ تونۇشتۇرغان بىر ئاڭلىغۇچى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا ئىنكاس يوللاپ، مەزكۇر ئىككى يۇقۇمدارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن گۇاڭجۇغا يۆتكەپ كېلىنگەن مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشچىلىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن . مۇخبىرنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئىككى يۇقۇمدارنىڭ گۇاڭجۇدا «ئىشلەۋاتقانلار» ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2014-يىلى «كۇنمىڭ ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن دېگۈدەك ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلغان ئىدى. ئاۋسترالىيەدىكى سىياسىي ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردا 80 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت كارخانىلارغا مەجبۇرى يۆتكىگەن.
گۇاڭدۇڭدىكى ئىككى ئۇيغۇر يۇقۇمدار ھەققىدە تارقىتىلغان ئۇقتۇرۇشتىمۇ گۇاڭجۇدا بەلگىلىك ساندا ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ بارلىقى ئىشارەت قىلىنغان.
گۇاڭجۇدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلارغا ئالاقىدار خادىملار ئىككى ئۇيغۇرنىڭ تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، ئەمما كىملىكىنى بىلدۈرمىگەن. گۇاڭجۇدا يەنە مەلۇم بىر مۇلازىمەت ئورنىدا ئىشلەيدىغان بىر خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ساقچىلار ئۇلارغا بۇ ھەقتە ئۇقتۇرۇش قىلغاندا بۇ ئىككى يۇقۇمدارنىڭ گۇاڭجۇدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان، ئەمما ئۇلارنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىنى دېمىگەن.
مەزكۇر ئىككى يۇقۇمدارنىڭ گۇاڭجودا ئىشلەۋاتقانلار ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ دائىرىلەر مەجبۇرىي يۆتكەپ ئەكەلگەن ئىشچىلار ياكى ئۆز ئالدىغان كەلگەن رېستوران قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مۇلازىمەتچى ئىكەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى