كەشمىردىكى سېنترال(Central) تۈرمىسىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 20-سېنتەبىر، ھىندىستان.

ھىندىستاندا چىقىدىغان «سىم» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا 2013‏-يىلى 6-ئايدا لاداق يولى ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ جاممۇ-كەشمىر رايونىغا قېچىپ چىققان ئادىل تۇرسۇن، ئابدۇخالىق تۇرسۇن ۋە ئابدۇسالام تۇرسۇن ئىسىملىك ئۈچ نەپەر ئاكا-ئۇكا ھازىرغىچە جاممۇ-كەشمىردىكى بىر تۈرمىدە ياتماقتىكەن.

بۇ ئۈچ نەپەر ئاكا-ئۇكا ئۇيغۇرنىڭ دېلوسىنى قايتىدىن خەلقئارانىڭ دىققىتىگە سۇنغان ھىندىستانلىق مۇخبىر ئۆمەر مەقبۇل ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ دېلودا گەرچە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بۇ مەسىلىگە چوقۇم كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ گۇناھى نېمە؟ 7 يىلدىن بېرى كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرمەي تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىگە چوقۇم كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك.»

يېڭى دېلھى ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى پىرىزادە مەھبۇب جاممۇ-كەشمىردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا دوستلىرى ئارقىلىق ماددىي ياردەم قىلغانلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ بۇ ئۈچ ئاكا-ئۇكا ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «بۇ ئۈچەيلەن ئۇردۇچە ياكى ئىنگلىزچە بىلمەيدۇ، يېنىدا پۇلىمۇ يوق. شۇڭا ئاشۇ تۈرمىدە يېتىۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئاز-تولا ياردەم قىلىدىكەن. مەن بىر دوستۇم ئارقىلىق پۇل ياردەم قىلدىم، بۇ بەك ئاز بولسىمۇ، ئەمما تامىقىغا، ۋە كىيىم-كېچىكىگە يېتىدۇ. ئۇلارنىڭ تۈرمىدە قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق.»

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ 2016-يىلى 30-سېنتەبىر بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئۈچ ئاكا-ئۇكا ئۇيغۇرنىڭ جازا مۇددىتى 2015‏-يىلى 1‏-ئايدا توشقان. ئەمما ھىندىستان قانۇنىغا  ئاساسەن ئۇلار  داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلغان ئىكەن. ئۇلار جاممۇ-كەشمىر شتاتىنىڭ جەمئىيەت بىخەتەرلىكى قانۇنىدىكى چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن چەتئەللىكلەرنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلغىچە داۋاملىق نەزەربەند قىلىش كۆرسەتمىسى بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن. ئۇلار جاممۇ-كەشمىر يۇقىرى سوتىغا سىياسىي پاناھلىق ئەرزى سۇنغان ئىكەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئۆز ۋاقتىدا بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان ئىدۇق. ھىندىستاندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇ بالىلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئالغان ئىدۇق، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرمەپتۇق.»

ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق نادىر ئەلى ئەپەندى بۇ ئۈچ ئاكا-ئۇكا ئۇيغۇرنىڭ ھازىرمۇ جاممۇ-كەشمىر رايونىدىكى سىنتىر دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە يېقىندا سوت ئېچىلىشى مۇمكىن ئىكەن. كەشمىر رايونى ناھايىتى سەزگۈر رايون بولغاچقا ئۇنىڭ 2013-يىلىدىن بېرى ئاشۇ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۆزى بىۋاسىتە بېرىپ ئۇلارنى يوقلاپ، ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئىكەن. پەقەت جاممۇ-كەشمىر رايونىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن تېلېفون ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ تۇرغان ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەمەت توختى ئەپەندى قۇرۇلتاينىڭ يىللاردىن بېرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەنلىك مەسىلىسىدە قىلغان خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئۈچ ئاكا-ئۇكىنىڭ مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھىندىستاندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشۈپ، قېرىنداشلىرىمىزنى ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز.»

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى