ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسى ھەر قايسى چېگرا ئېغىزلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، «خوتەن خاۋلىڭ چاچ بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى» ناملىق خىتاي كارخانىسىنىڭ قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي چاچ بۇيۇملىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلىرىنى تۇتۇپ قېلىشنى تەلەپ قىلغان.
«بازار كۆزنىكى» ناملىق تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسى خاۋلىڭ شىركىتىنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتا مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنى تۇتۇپ قېلىشنى قارار قىلغان.
«ھاۋلىڭ چاچ بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى» ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن شۇغۇللانغان دەپ قارىلىپ ئامېرىكا تاموژنا ئىدارىسى تەرىپىدىن مەھسۇلاتىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى چەكلەنگەن 2-خىتاي شىركىتىدۇر. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۆتكەن يىلى خوتەن «تەيدا كىيىم-كېچەك شىركىتى» نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ خوتەندىكى زاۋۇتىدا نۇرغۇن لاگېر تۇتقۇنلىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ، بەزى شىركەتلەر ئۇنىڭغا مال زاكاز قىلىشنى توختاتقان ئىدى.
«بازار كۆزنىكى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسى سودا ئىشخانىسىنىڭ ياردەمچى ئىجرائىيە كومىسسارى برېندا سمىت خوتەن خاۋلىڭ چاچ بۇيۇملىرى شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلارنى تۇتۇپ قېلىش ھەققىدە توختىلىپ: «سودا ساھەسى ئۆزىنىڭ تەمىنات زەنجىرىنى يېقىندىن تەكشۈرۈپ، ئامېرىكا سودا ۋە ئىستېمال ساھەسىگە ئۇلار سېتىۋالغان مەھسۇلاتنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكى ۋە ئەخلاقىي ئۆلچەمگە توشىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ھەرقانداق مەجبۇرى ئەمگەكتە ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم» دەپ تەكىتلىگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى