Illustration by Perry Tse

جازا لاگىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پىلانىغا ئاساسەن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلگەن. تەنقىدچىلەر خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىش ھەرىكىتى دەپ قارىماقتا، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى خىزمەتكە ئېرىشىش پۇرسىتى ۋە ئىسلام رادىكاللىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن دەپ ، ئۆزىنىڭ بۇ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى ئاقلىغان.

مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرىدا سولىنىۋاتقان ئويغۇرلارنى«  ئوقۇش پۈتتۈرۈپ،  ئىشقا ئورۇنلاشتى » نامىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش پىلانىنى ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ پىلان ئۆتكەن يىلى تاماملانغان ، ئەمما ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى بىلەن بۇ پىلاننى ئىجرا قىلىشى ئۈزۈلۈپ قالغان.

تەنقىدچىلەر خىتاينىڭ بۇ  لاگىر پىلانىنى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن تەدبىرلەرنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ، لاگىرغا سولانغانلارنىڭ خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلىشتىن باشقا ئامالىنىڭ يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، لاگىر توغرىسىدىكى تەنقىدلەرنىڭ ھەممىنى ئىزچىل رەت قىلىپ، لاگېرلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت تېپىش ۋە رادىكال مۇسۇلمانلىقنىڭ تەسىرىدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆزىنى ئاقلاپ كەلمەكتە.

مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى كونتىرول قىلىنغانلىقتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستانلىق ئىشچىلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ كېسەللىكنىڭ ئىقتىسادى ۋە خىزمەت بازىرىغا ئېلىپ كەلگەن بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىنىڭ تەسىرىگە قارىماي ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پىلاننى داۋاملىق ئىجرا قىلىشنى قارار قىلغان بولۇپ ، ئۇلار بۇ پىلاننى «شىنجاڭنىڭ قايتا تەربىيىلەش سىياسىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى نامايان قىلىدۇ» دەپ قارىغان.

مۇنەۋۋەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى 19 ئۆلكە، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر قوبۇل قىلىشى كېرەككەن.  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدىكى«مۇنەۋۋەر ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر» نىڭ قانداق كىشلەر ئىكەنلىكى تېخى نامەلۇم.بەزى مەنبەلەر خىتاينىڭ بۇ پىلانىنىڭ بىر مەزگىل كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭدىكى بىر مەنبەنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇمۇمىي نىشان ئۆزگەرمەيدىكەن.

«جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە ، ئاز دېگەندە 19 ئۆلكە ۋە شەھەرگە مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن سان بېرىلگەن بولۇپ ، كۆپىنچىسى جازا لاگىرىدىن«  ئوقۇش پۈتتۈرۈپ »چىققان ئۇيغۇرلاركەن.

2- ئايدا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بىراز تۆۋەنلەشكە باشلىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىشكە باشلىغان. 2- ئايدا تارتىلغان سۈرەتتە مىڭلىغان ياش ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يۈزلىرىگە ماسكا ، كۆكرەكلىرىگە قىزىل گۈللەرنى تاقاپ،   يۇرتىنىڭ سىرتىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشلەشكە ئەۋەتىلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن ئىدى. 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ، جازا لاگىرىدىن چىققان 60 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقى ئېلان قىلىنغان. بىر قانچە مىڭ كىشى باشقا ئۆلكىلەرگە ئىشلەشكە ئەۋەتىلگەن بولۇپ، كۆپىنچىسى ئويۇنچۇق ياساش ۋە كىيىم-كېچەك تىكىش زاۋۇتلىرىدا ئىشلىگەن.

بىر كىشىنىڭ «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىگە ئېيتىشىچە ،  شېنجېندىكى  يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق مەركىزىنىڭ بۇلتۇرقى نىشانى يىل ئاخىرىغىچە 50 مىڭ ئۇيغۇرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەن. بۇ شەھەرنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئۇيغۇر ئىشچىلارنى قوبۇل قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلگەن بولۇپ ، بىرىنچى باسقۇچ 15000 دىن 20،000 ئارىلىقىدا بولۇشى پىلانلانغان.
شاۋگۇەن شەھىرى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تەرەققىي قىلمىغان شەھىرى بولۇپ ، 2009-يىلى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىىدىكى قانلىق ۋەقە مۇشۇ رايوندىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن. شاۋگۇەن شەھىرىدىن يەنە 30 مىڭدىن 50 مىڭغىچە ئۇيغۇر ئىشچى قوبۇل قىلىش تەلەپ قىلىنغان. فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى ھۆكۈمەت مەنبەلىرىدىمۇ ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر ئىشچىلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. ئۇ كىشىنىڭ يەنە ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ شىركىتى ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى رەسمىي يوليۇرۇقلارنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى كىشلەر پات يېقىندا يېتىپ كىلىدىكەن. ئۇلاردىن « چوڭ ۋەقەلەرنىڭ  چىقىشىنىڭ خەۋىپىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش» تەلەپ قىلىنغان.

ئۇيغۇرلاردىن قانچىسىنىڭ قايسى ئۆلكىلەرگە ئورۇنلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا خىتاينىڭ تاراتقۇلىرى ناھايىتى ئاز خەۋەر قىلىدىغان بولغاچقا ، بۇ ھەقتە رەسمىي ئىستاتىستىكا يوق ، ئەمما 3-ئايدا ، ۋىلايەتنىڭ رەسمىي گېزىتى بولغان «ئەنخۇي كۈندىلىك گېزىتى» شەرقىي تۈركىستاندىن 1560 «تەشكىللىك ئىشچى» تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئۇيغۇر ئىشچىلىرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1200 يۈەن (170 دوللار) دىن 4000 يۈەن (565 دوللار) ئارىسىدا كىرىم قىلالايدىكەن ، ياتاق ۋە تاماقنى يەرلىك ھۆكۈمەت تەمىنلەيدىكەن. قانداقلا بولمىسۇن ، ئۇلارنىڭ ياتىقىدىن رۇخسەتسىز ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا ،شەرقىي تۈركىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 2018-يىلى ھەر ئايدا 1779 يۈەن بولغان. ئەمما رايوندىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ ( ئۈرۈمچىگە ئوخشاش)سىرتىدىكى ئىش ھەققى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن.
بۇ رايوندىكى رەسمىي ئىشسىزلىق نىسبىتى% 3-4 ئارىسىدا ، ئەمما ئىستاتىستىكا يىراق يېزا-قىشلاقلاردا ياشايدىغان كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.  بىرەر ۋەقە يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتىن تارتىپ توختام تۈزۈشكىچە ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى باشقۇرۇشقىچە بولغان بارلىق خىزمەتلەرنى كونتىرول قىلغان. يەرلىك ئەمەلدارلار ھەر بىر ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ، ئۇلارنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ياكى پويىزغا بىللە ئېلىپ بېرىپ ، ئۇلارنى بېكىتىلگەن زاۋۇتلارغا ئەۋەتكەن.

بۇ خىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە خىزمەت تېپىشى ۋە ئۇ يەردە ياشىشى ئىنتايىن تەس ئىدى.
2009-يىلى شاۋگۇەندىكى زاۋۇتتا يۈز بەرگەن  ۋەقە شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۇرۇمچىدە قانلىق ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر ، ئۇيغۇرلار خىتايدا  ئوچۇق-ئاشكارە كەمسىتىشكە ئۇچرىغان ۋە 2009-يىلدىكى توقۇنۇشتىن كېيىن ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلاشقان.
مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ، ئاۋىستىرالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى دوكلات ئېلان قىلىپ ، 80 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ توققۇز رايونى ۋە ئۆلكىسىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشلەشكە يۆتكەلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئۇ گۇگۇل ، ئالما ، مىكروسوفت ، مىتسۇبىشى ، سىمېنس ، سونىي ، خۇاۋېي ، سامسۇڭ ، نايك ، Abercrombie ۋە Fitch ، Uniqlo ، Adidas ۋە Lacoste قاتارلىق ئائىلە ماركىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 83 ماركىنى تەمىنلىگەن جەمئىي 27 زاۋۇتنى ئېنىقلاپ چىققان.

بىخەتەرلىك ئاقىللار ئامبىرى 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىشچىلارنى «مەجبۇرىي ئەمگەكنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىدىغان شارائىتتا» يۆتكىگەن دەپ يەكۈن چىقارغان ، بەزىدە ئىشچىلارنى جازا لاگىرىدىن بىۋاستە يۆتكىگەن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئىشچىلار ئادەتتە ئايرىم ياتاقتا تۇرىدىكەن، خىتايچە ۋە پارتىيىنىڭ سىياسەتلىرىنى ئۆگۈنۈشكە مەجبۇرلىنىدىكەن. خىزمەت ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتلاردا ئىدىيەۋى تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىلىپ  توختىماي نازارەت قىلىنىدىكەن.
ئوچۇق كودلۇق ھۆججەتلەر ، سۈنئىي ھەمراھ رەسىمى ، ئىلمىي تەتقىقات ۋە نەق مەيدان دوكلاتىنى ئاساس قىلغان دوكلاتتا دېيىلىشىچە ، ئۇلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىمۇ چەكلەنگەن.

مەنبە: «جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى»