« زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىت چېقىش ، مەسچىتتىكى ئىسلامنىڭ سمۋوللىرى بولغان گۈمبەز، يۇلتۇز ۋە ھىلال ئايلارنى چىقىرىپ تاشلاشتەك قىلمىشلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىمۇ يولغا قويغان بولۇپ، ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارغا بۇنىڭغا مۇتلەق بويسۇنۇش ، قارشى تۇرماسلىق توغرىسىدا تەھدىت سالغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى ئىسلام سىمۋوللىرىنى چۇۋۇش ھەرىكىتى مۇسۇلمانلار توپىغا ئېغىر ئازاب ئېلىپ كەلگەن. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتايدا ياشاۋاتقان كىشلەر مەدەنىيىتى ۋە دىنىدىن مەھرۇم بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنى باستۇرۇۋاتقان ھاكىمىيەتكە تەۋرەنمەس ساداقەتمەنلىكىنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
مارتنىڭ ئاخىرىدا ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ، گەنسۇنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر پىڭلياڭنىڭ كوڭدوڭ رايونىدىكى 17 مەسچىتتىن گۈمبەز، يۇلتۇز ۋە ھىلال ئاي بەلگىسى چىقىرىۋېتىلگەن.
شۇ يەردىكى بىر ئىمامنىڭ « زىمىستان » تورىغا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن ، شۇ يەردىكى ئىماملارنى ۋە مەسچىتكە مەسئۇل كىشلەرنى تەربىيلەپ، ئۇلارنى «ئەرەبلىشىش ۋە سەئۇدىدىن قۇتۇلۇش سىياسىتى» نى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىغان. ئۇلارغا ھۆكۈمەتنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىشنى رەت قىلىپ ، مەسچىتلەردىن ئىسلام سىمۋوللىرىنى چىقىرىپ تاشلاشقا ھەمكارلاشمىسا، ئىماملارنىڭ لاياقەتسىز بولىدىغانلىقى ۋە جازالىنىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىد سالغان.
ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ، خېنەننىڭ جياۋزۇ شەھىرى باشقۇرىدىغان ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر مېڭجوۋدىكى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى شۇ يەردىكى بىر ئىمامغا بېسىم ئىشلىتىپ ، ئۇنىڭ مەسچىتىدىكى گۈمبەز ، يۇلتۇز ۋە ھىلال ئاي بەلگىسىنى ئېلىۋەتكۈزگەن ۋە خىتايدا ئەرەب قۇرۇلۇشلىرىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. چۇۋۇشتىن ئىلگىرى ، يەرلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى ئىمامدىن يۇلتۇز ۋە ھىلال ئاي سىمۋوللىرىنىڭ دىنىي مەنىسى ۋە ئىسلامنىڭ مۇسۇلمان مەدەنىيىتىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى سورىغان. ھۆكۈمەت خادىملىرى ئىمامغا قارشىلىق كۆرسەتمەسلىكنى ئاگاھلاندۇرۇپ ، ئەگەر ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بولغان بولسا ئاللىبۇرۇن قولغا ئېلىنىدىغانلىقىنى دېگەن.
بارلىق بەلگىلەر چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن ، مەسچىتنىڭ كىرىش ئېغىزىغا «يېڭى جۇڭگو ۋە كومپارتىيىگە سادىق بولۇڭ» دېگەن تەشۋىقات شوئارى چاپلانغان ۋە ئۇنىڭ ئىچىگە دۆلەت بايرىقى چىقىرىلغان.
ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر مېڭجوۋدىن كەلگەن بىر خۇيزۇ مۇسۇلمان مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن : « ئەگەر سىز ئاللاھنى ئەڭ ئۇلۇغ ياكى ئۇ ھەممە نەرسىنى ياراتتى دېسىڭىز، خىتاي ھۆكۈمىتى سىزنى جازالايدۇ. بىز پارتىيىنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا مەجبۇرلاندۇق»
نويابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ، جياۋزۇ باشقۇرۇلىدىغان شەھەر چىڭخۇادىكى بىر مەسچىتتىن گۈمبەز ، يۇلتۇز ۋە ھىلال ئاي بەلگىسى چىقىرىۋېتىلگەن. مەسچىتنىڭ كىرىش ئېغىزىغا «دىننىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇققا قەتئىي قارشى تۇرۇش» دېگەندەك تەشۋىقات شۇئارلىرى قويۇلغان.
گۈمبەز ، يۇلتۇز ۋە ھىلال ئاي بەلگىلەر جياۋزۇنىڭ خوشاجۇاڭ يېزىسىدىكى مەسچىتتىنمۇ چىقىرىۋېتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي كومىنىستىك پارتىيىسىنىڭ شۇئارلىرى قويۇلغان.
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەقدىر نەنياڭ شەھىرى باشقۇرىدىغان تاڭخې ناھىيىسىنىڭ ماياڭ يېزىسىدىكى بىر قەدىمىي مەسچىتنىڭ بېشىغىمۇ كەلگەن. يەرلىك ھۆكۈمەت مەسچىتنىڭ سىمۋوللىرىنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرۇغان ۋە «دۆلەت چەتئەللەرگە چوقۇنۇشنى چەكلەيدۇ» دېگەن. بىر ئاھالە ئامالسىز مۇنداق دېگەن: «بىز شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىنى ۋە دۆلەتنىڭ بەلگىلەپ بەرگەن سىياسىتىنى ئاڭلىشىمىز كېرەك. ھېچكىم دۆلەتكە جەڭ ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ»
« زىمىستان» تورى ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، 2019-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا خېنەننىڭ جۇمادىيان شەھىرى باشقۇرىدىغان ناھىيەدە كەم دېگەندە 40 مەسچىتنىڭ گۈمبەز ، يۇلتۇز ۋە ھىلال ئاي بەلگىلىرى ئېلىۋېتىلگەن.
ئىلگىرى خەۋەر قىلىنغاندەك ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ، شەرقىي شىمالدىكى جىلىن ئۆلكىسىدىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ، ئەرەب ئۇسلۇبىدىكى مەسچىتلەرنى تۈزلەپ ، ئۇلارنى خىتاي ئۇسلۇبىدىكى بىنالارغا ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان. 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بارلىق مەسچىتلەرنى «ئوڭشاش» تەلەپ قىلىنغان.
مەنبە: « زىمىستان » تورى