قاراماي شەھىرىدىمۇ ساقچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلدى | TRT ...

خىتاي دائىرىلىرى شەرقى تۈركىستاننىڭ بەزى جايلىرىدا ساقچى قوبۇل قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا.دائىرىلەر يېقىندا كورلا شەھىرى بىلەن چەرچەن ناھىيەسىگە 2300 دىن ئارتۇق ئىشتات سىرتىدا ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. كورلا شەھىرى ۋە چەرچەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تورلىرىنىڭ ئېلانىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئىشتات سىرتىدىكى بۇ ساقچى خادىملىرىنىڭ 2000 نەپىرى كورلا شەھىرىگە، 320 نەپىرى چەرچەن ناھىيەسىگە قوبۇل قىلىنىدىكەن.
كورلا شەھىرى بىلەن چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا يېڭى قوبۇل قىلىنىدىغان خادىملارنىڭ قۇلايلىق ساقچى پونكىتلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇننىڭ ئالدى-كەينىدە رايوندىكى ساقچى ئورگانلىرىغا كەڭ كۆلەملىك ساقچى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. 2016-يىلى رايونغا 90 نەچچە مىڭ ساقچى قوبۇل قىلىنىپ، كېيىنكى يىلى چوڭ تۇتقۇن باشلىنىپ كەتكەن ئىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىم كورلا ۋە چەرچەن ناھىيەلىرىگە نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك كۆپ ئىشتات سىرتىدا ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن بەزى كۆزەكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شەرقى تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ لاگېرلارنىڭ بىرى كورلادا ئىكەن.
چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا بۇ ئورۇنغا ئىلتىماس قىلغان كىشىلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى قاتتىق تەكشۈرۈلىدىغانلىقى، ئائىلىسىدىكى 3 ئەۋلاد كىشىلەر ئىچىدە ئاتالمىش «مىللىي بۆلگۈنچىلىك»، «دىنىي ئەسەبىيلىك»، «زوراۋان تېررورلۇق» ۋە «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش» بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغانلارنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. بەزى تاراتقۇلارنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ چوڭ تۇتقۇنى باشلانغان يېقىنقى بىر قانچە يىلدا كورلانىڭ نوپۇسى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن ئىكەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى