داڭلىق ئۇيغۇر نەشرىياتچى، يازغۇچى ئابدۇراخمان ئەبەي.

3-ماي كۈنى «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى خاتىرە كۈنى» دۇر. مانا بۇ كۈن ھارپىسىدا شەرقى تۈركىستاندا ئاخبارات-نەشىريات ساھەسىدە داڭ چىقارغان مەمۇرىي ۋە كەسپىي خادىملاردىن ئابدۇراخمان ئەبەي، ئىلھام ۋەلى، ئەركىن تۇرسۇن، چىمەنگۈل ئاۋۇت، قۇربان مامۇت قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق مۇخبىر ۋە تەھرىرلەر لاگېر ياكى تۈرمىلەردە ياتماقتا. بىز مەزكۇر خاتىرە كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن يۇقىرىقى ئاخباراتچىلاردىن بىر قىسمىنىڭ ئىلگىرى رادىئومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەن تۇتۇلغانلىق ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا خاتىرىلىتىپ ئۆتمەكچىمىز.

1948‏-يىلى ئېلان قىلىنغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق باياناتىنىڭ 19-ماددىسىدا سۆز ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھالقىلىق تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە جاكارلانغان ئىدى. ب د ت 1993‏-يىلى ھەر يىلىنىڭ 3 ‏-ماي كۈنىنى «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن. دۇنيادا مانا مۇشۇنداق ئېتىبار ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئاخبارات ۋە نەشرىيات ساھەسىنىڭ خادىملىرى 2017 ‏-يىلىدىن باشلاپ شەرقى تۈركىستاندا داۋام قىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا نۇقتىلىق ۋە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغان.

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ۋە شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ نەشىرياتتا ئىلگىرى-كېيىن باشلىق بولغان ۋە ئاز كەم يېرىم ئەسىرلىك خىزمەتلىرى سەۋەبلىك خىتاي مەملىكەتلىك ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىنمۇ «جاسارەتلىك ئاخبارات ئەمەلدارى» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان پېشقەدەم نەشىرياتچى ئابدۇراخمان ئەبەي 2017‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرى تۇتقۇن قىلىنغان. «ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە ھېكايىلەر» قاتارلىق كىتابلىرى ۋە بالىلار ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلىرى بىلەن بىرقانچە ئەۋلاد ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۇنتۇلماس ئورۇنغا ئىگە بولغان ئابدۇراخمان ئەبەي «بۆلگۈچىلىك ۋە دىنىي ۋە ئەسەبىيلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەن.

شەرقى تۈركىستاندىكى ئاخبارات ساھەسىدە مەركىزىي ۋە يېتەكچى ئورۇنغا ئىگە بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئىلھام ۋەلى، بۆلۈم مۇدىرلىرى مىركامىل تۇرسۇن، جۈرئەت ئىبراھىم قاتارلىق 4 خادىمى 2018‏-يىلى 7‏-ئايدا يىغىن زالىدىن كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قوللىرى كويزىلانغان ھالەتتە تۇتۇپ كېتىلگەن.

«ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق» ناملىق ئەسىرى سەۋەبلىك جازالىنىپ ياشلىق باھارىنى خىتاي تۈرمىلىرىدە ئۆتكۈزگەن پېشقەدەم شائىر ھاجى مىرزاھىد كېرىمى «ئاماننىساخان» قاتارلىق تارىخىي رومانلىرى سەۋەبلىك 2018‏-يىلى يېشى 70 تىن ئاشقاندا قاراڭغۇ كامىرىغا قايتىدىن سولانغان.

لىرىك شېئىرلىرى بىلەن داڭق چىقارغان قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ تەھرىرى چىمەنگۈل ئاۋۇت يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ «ئالتۇنكەش» ناملىق ئاتالمىش «مەسىلىلىك رومان» نى تەھرىرلىگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغان.

شۇ كۈنلەردە 70 كە يېقىن ئىشچى-خىزمەتچىسى بولغان قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىنىڭ ئۈچ ئەۋلاد رەھبەرلىرى قېتىلىپ 30 پىرسەنت ئىشچى-خىزمەتچىسى تۇتقۇن قىلىنغان.

تونۇلغان ئەدەبىي ئوبزورچى يالقۇن روزى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق كېسىلگەن ۋە ئۇنىڭ ئاتالمىش «جىنايەتلىرى» ساقچى ئىبرەت فىلىملىرىدا تارقىتىلغان.

خەلق ئاراىسدا «غۇلجادىكى 4 ئەشگۈشتەر» دەپ سانالغان مەشھۇر كىشىلەردىن بىرى بولغان ئىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ تەھرىرى ئەركىن تۇرسۇن ئالدىنقى يىلى 19 يىللىق كېسىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كەڭرى ئالقىشقا ئېرىشكەن، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تېمىدىكى تەنقىدىي ئەسەرلىرى بىلەن خاسلىق ياراتقان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى قۇربان مامۇتمۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكى مەلۇم ئەمەس.

خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش جەمئىيىتى ئۆتكەن يىلى، يەنى 2019‏-يىلى 3‏-ئاينىڭ 13‏-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقى تۈركىستاندا 2016-ۋە 2018‏-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلاردىن 30 دىن ئارتۇق مۇخبىر ۋە تەھرىرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىگەن ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئاخباراتچىلارنىڭ ئەڭ ئېغىر دەپسەندە بولۇۋاتقان شەرقى تۈركىستانغا دىققەت قىلىشقا دەۋەت قىلغان ئىدى. مەزكۇر باياناتتا دۇنيا بويىچە 251 مۇخبىرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى، بۇلاردىن 33 نەپىرىنىڭ ئايال ئىكەنلىكى، ئاياللاردىن 3 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئۇنىڭدا يەنە گۈلمىرە ئىمىن، ئاتىكەم روزى ۋە چىمەنگۈل ئاۋۇتلارنىڭ ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

مەنبە:ئەركىن ئاسيا رادىئوسى