ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قەدىمىي مەدەنىيەت مەركىزى بولغان قەشقەرنىڭ چېقىلىشىدىن 15 يىل ئۆتكەندە ئەينى ۋاقىتتا «بىخەتەر شەھەر مۇھىتى بەرپا قىلىش» نامىدىكى بۇ زور قۇرۇلۇشنىڭ قەشقەر بىلەنلا توختاپ قالمىغانلىقى، بۇنىڭ كېيىنچە ھەرقايسى شەھەر ۋە ناھىيەلەردىكى سىمۋوللۇق ئىسلام بىناكارلىقى نەمۇنىلىرى چېقىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ زور دىققىتىنى ۋە نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەنىدى. 2018-يىلىدىن باشلاپ يۇقىرى پەللىگە چىققان ئاممىۋى قەبرىستانلىقلار ۋە بىر قىسىم مازارلارنى چېقىش ھەمدە كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى بۇنىڭدىكى يېڭى بۇزغۇنچىلىقلارنى نامايان قىلدى.
بولۇپمۇ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىكى قەبرىستانلىقنى يۆتكەش قۇرۇلۇشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارا ھالدا ئېلان چىقىرىپ قەبرە ئىگىلىرىنىڭ بىرنەچچە كۈن ئىىچدە قەبرىنى يۆتكەپ بولۇشىنى تەلەپ قىلىشى بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ تولىمۇ جىددىي تامام بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتا بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى تولۇق كونترول قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەمدى بۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلماستىن ئۇلارنىڭ ئاخىرەتلىك ماكانىنىمۇ كونترول قىلىشقا ئۆتمەكتە» دېگەن ئىدى. ھالبۇكى يېقىندىن بۇيان بۇ خىل يوسۇندا چېقىپ تاشلانغان قەبرىستانلىقلار ۋە مازارلارنىڭ ئورنىدا بارلىققا كېلىۋاتقان يېڭى مۇئەسسەسىلەر بۇ خىل قەبرە چېقىش پائالىيىتىگە يوشۇرۇنغان مۇددىئالارنى ئاشكارا كۆرسىتىشكە باشلىدى.
ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 2019-يىلى مەخسۇس بۇ ھەقتە دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىش ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات بۇ توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا نۆۋەتتىكى مازارلار ۋە قەبرىستانلىقلار ئۇچراۋاتقان ۋەيرانچىلىقنىڭ ئاشۇ مەسچىت چېقىش ھەرىكىتىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
28-ئاپرېل كۈنى تىۋېتتېر ۋە فېيسبوك بەتلىرىدە خوتەندىكى مەركىزىي قەبرىستانلىق 2019-يىلى كۆچۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىنكى ئۇنىڭ سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان ئەڭ يېڭى سۈرىتى ئېلان قىلىندى. ئەنگلىيەدىكى نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، شەرقى تۈركىستاندىكى ئىسلام دىنى ۋە مەدەنىيىتى ساھەسى بويىچە مەخسۇس ئىزدەنگەن دوكتور رايان سام ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر بېتىدە بۇنى مەخسۇس تونۇشتۇرۇپ، مەزكۇر قەبرىستانلىقنىڭ قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ جانلىق كارتىنىسىنى تەمىن ئەتتى. دوكتور رايان سام بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ خىلدىكى قەبرىستانلىقلارنىڭ چېقىۋېتىلىشى ھەمدە كۆچۈرۈۋېتىلىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم بىر مەنىۋىيەت ھادىسىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مازارلىق ياكى قەبرىستانلىقلار كىشىلەر مەخسۇس زىيارەت قىلىپ، روھىي جەھەتتىن شىپالىق، مەغپىرەت ياكى پەرزەنت تەلەپ قىلىدىغان بىر تۈرلۈك مۇقەددەس جاي. شۇنداقلا كىشىلەر مەنىۋى جەھەتتىن مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزلىرى بىلەن خۇدا ياكى ھەرقايسى ئەۋلىيالار ئوتتۇرىسىدا بىر تۈرلۈك باغلىنىش ھاسىل قىلىدۇ. يەنە بىر قىسىم مازارلىقلار بولسا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېقىنقى مەزگىللەرگىچە بايراملىق توپلىنىش سورۇنى بولۇپ كەلگەن. ھازىر بۇنداق ئىشلار ئاساسەن قالمىدى. شۇ سەۋەبتىن ئانچە دىندار بولمىغان ئۇيغۇرلارمۇ بۇنداق جايلارغا كەلگەندە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە دۇئاغا قول كۆتۈرىدۇ. چۈنكى بۇنداق ئورۇنلار شەرقى تۈركىستاندىكى تارىخى مەنزىرىنىڭ بىر مۇھىم تەركىبى قىسمى ھېسابلىنىدۇ.»
مۇشۇ يوسۇندا ۋەيران قىلىۋېتىلگەن قەبرىستانلىقلار ئىچىدە بەكمۇ سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە بولغان مازارلاردىن بىرى خوتەندىكى ئىمام ئاسىم مازىرى بولۇپ، شۇ جايدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆملۈك ۋە مەنىۋى بىرلىكنىڭ ۋاسىتىسى بولۇپ كەلگەن ئىدى. رايان سامنىڭ بۇ ھادىسىلەر ھەققىدىكى تىۋىتتېر يازمىلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئەنگلىيەدىكى «يەھۇدىي زور قىرغىنچىلىقى خاتىرە فوندى» بۇنى ھەمبەھىرلەپ «رايان سامنىڭ يازمىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي مۇئەسسەسىلەرنى ۋە قەبرىستانلىقلارنى كۆزدىن يوقىتىش ھەرىكىتى جەريانىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قايسى يوسۇندا خاراب قىلىنىۋاتقانلىقىنى بەكمۇ ئېنىق تەسۋىرلەپ بەردى» دېدى.
دوكتور رايان سام خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى مازارلارنى ۋە قەبرىستانلىقلارنى ۋەيران قىلىۋېتىشىگە قايسى ئامىلنىڭ شۇنچە زور تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئۇيغۇرلارغا خاس بارلىق مەدەنىيەت ھالقىلىرىنى كۆزدىن يوقىتىش خاھىشىنىڭ يېتەكچى ئورۇن ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ياكى ئۇنى خىتاي مەدەنىيىتىگە ئايلاندۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمىدۇر. چۈنكى بۇ خىلدىكى مازار زىيارىتى ۋە قەبرىستان يىغىلىشلىرى ھەرقاچان شۇ قەبرىلەرگە كۆمۈلگەن كىشىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى، ئۆتمۈش خاتىرىلىرىنى كىشىلەرگە ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارغا ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە بولغان ئەنئەنىۋى قاراشلىرىنى ئەسكەرتىدۇ. سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارغا خاس بارلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى مەنئى قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ھازىر ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشىنى مەنئى قىلىش بىلەنلا قالماستىن يەنە كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىكى ئۇيغۇرچە ئۆي جابدۇقلىرىغىچە ئۆزگەرتىپ بولدى. يەنە بىر ياقتىن قارايدىغان بولساق قەبرىستانلىق ياكى مازارلىق ئۇيغۇرلار توپلىنىدىغان مۇقەددەس جايلارنىڭ بىرى. ئىلگىرى بىر قىسىم مازارلار تاقىۋېتىلگەن بولسىمۇ بۇزۇۋېتىلمىگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا بۇ خىلدىكى مازارلار كۆپ قىسىم جايلاردا ۋەيران قىلىۋېتىلدى. بۇلارغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار جان ئۈزگەندىن كېيىن كۆمۈلىدىغان ھەمدە مۇقەددەس سانىلىدىغان بىر قىسىم چوڭ قەبرىستانلىقلارمۇ چېقىلىۋاتىدۇ.»
ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىلدىكى مەھكۇم مىللەتنىڭ قەبرىلىرىنى بۇزۇش قىلمىشى ناتسىستلار گېرمانىيەسى دەۋرىدە بىر قېتىم كۆرۈلگەن ھادىسە بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر قەبرىلىرىنىڭ چېقىلىشى ۋە كۆچۈرۈلۈشىنى ئاشۇ خىل ناتسىستلارغا خاس ھادىسىنىڭ تەكرارلىنىشى دېيىش، تامامەن مۇمكىن ئىكەن.
دوكتور رايان سامنىڭ تىۋىتتېر بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، خوتەن شەھىرىدىكى مەركىزىي قەبرىستانلىق ئۆتكەن يىلى كۆچۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن غايەت زور كۆلەمدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانى ياسالغان. نۆۋەتتە بۇ مەيدانغا لىق كەلگەن تۈرلۈك ماشىنىلار بۇ جاينىڭ تولىمۇ ئاۋات بىر سودا ۋە ئىقتىساد مەركىزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. قەبرىستانلىقنى يۆتكەش شەھەر خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا قۇلايلىق ئېلىپ كېلىشنى كۆزلىگەن يول قۇرۇلۇشى ياكى باشقا زور كۆلەملىك قۇرۇلۇشنىڭ ئېھتىياجى بولمىغان ئەھۋالدا يۆتكىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ماشىنا توختىتىش مەيدانى پەيدا قىلىشتەك غەلىتىلىك ھەققىدە سۆز بولغاندا رايان سام بۇنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋەيران قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. (ئاۋاز 3)
«قەبرىستانلىقنى كۆچۈرۈش ھەققىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا قارايدىغان بولساق ئۇنىڭدا ئەينى ۋاقىتتا قەبرە ئىگىلىرىنىڭ تېزدىن بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىشى لازىملىقى، چۈنكى بۇ قەبرىستانلىقنى يۆتكەش ئىشىنىڭ شەھەر تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك زور ئىش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن شەھەر قىياپىتىنىڭ تېخىمۇ كەڭرى ۋە گۈزەل بولۇشى ئۈچۈن بىر مۇھىم قەدەم ئېلىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان. ئەسلىدىمۇ قەبرىلەردىكى ئۇ ئىنسانلار يېتەرلىك ۋە كەڭرى جايدا يېتىۋاتقانلار ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا مەسخىرىلىك ھالدا بۇ قەبرىستانلىقنىڭ ئورنىغا ماشىنا توختىتىش مەيدانى ياسىلىپتۇ. شەھەر ئىچىدىكى مۇئەييەن قىممەتكە ئىگە قۇرۇلۇشلارنى ياسايدىغان ۋە قوغداپ قالىدىغان ئىش بولغان بولسا بۇنى شەھەر تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى، دەپ چۈشەندۈرۈشكە بولاتتى. بۇ خىلدىكى بۇزغۇنچىلىق يالغۇز شەھەر دائىرىسىدىكى جايلار بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتقىنى يوق. يېقىندا يەنە نىيە ناھىيىسى تەۋەسىدىكى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىگە جايلاشقان، ھېچكىمگىمۇ پۇتلاشمايدىغان ئىمام جەفەر سادىق مازىرى چېقىۋېتىلدى. قارايدىغان بولساق بۇنى چېقىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ھېچقانداق قۇرۇلۇشمۇ چۈشمىدى، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق بىر قۇرۇلۇشقا ئېھتىياجمۇ يوق. ئۇ دېگەن چۆلنىڭ ئىچىدىكى يېگانە مازار. بۇ پەقەت ئاشكارىلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋەيران قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.»
ئاۋسترالىيەدىكى «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى» نىڭ خادىمى، «سېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار» ناملىق دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى نېيسېن رۇسېر بولسا بۇ سۈرەتلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ چىققاندىن كېيىن «ئۇنىڭ يان تەرىپىدىكى كەڭ بوشلۇققا چۈشكەن كاتەكچىسىمان نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. تۇز زاۋۇتىمىكىن دېسەم ئۇنىڭغىمۇ ئوخشىمايدۇ» دەيدۇ. شۇنداقلا سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن بۇ جايلارنىڭ بەش مېتىرچە چوڭقۇرلۇقتا كولانغانلىقىنى، بۇنچىلىك چوڭقۇر بولمىغان ئۇيغۇر قەبرىلىرىنىڭ ئېنىقلا بۇ جەرياندا ۋەيران بولغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، بۇ قەبرىستانلىقنى كۆچۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا قوشنا رايونلاردىكى ئۇيغۇر ئولتۇراق رايونىنىڭمۇ كۆزدىن غايىب بولغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. نۆۋەتتە بۇ دائىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدە كۆپلىگەن قىياسلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.
مەنبە:ئەركىنئاسيا رادىئوسى