بىخەتەرلىك سەۋەبى بىلەن ئاپتورنىڭ سالاھىيىتى ئاشكارىلانمىغان.

2017-يىلدىن باشلاپ ، شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن نىشانلىق ۋە قالايمىقان قاماق جازاسىغا ئۇچراپ كەلدى. خىتاينىڭ ئىرقىي ۋە دىنىي يوقىتىش سىياسىتى ياش ئۇيغۇرلارنى ۋەتىنىدىن ئايرىپ، سۈرگۈندە بولۇپ ياشاشقا مەجبۇرلىدى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مىسىر، تۈركىيە ۋە مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرردە مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتماقتا.

خىتاينىڭ  غەربىدىكى  شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان 11 مىليون ئۇيغۇر مۇسۇلمان تۈرك  بولۇپ ، 2012-يىلى خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن ، بېيجىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى تېخىمۇ سىستېمىلىق ھالدا نىشان قىلغان. ئۇلار خىتاينىڭ نۇتۇقلىرى – ھۆكۈمەت بايانلىرى ۋە تاراتقۇلاردا «تېرورچى» دەپ تەسۋىرلەنگەن. ئۇلار ھەرىكەت ئەركىنلىكى ۋە ئانا تىلنى قوللىنىش قاتارلىق ئەڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالغان.

ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلغان: تۈرمىگە قاماش ، ھەمىشە 10 يىلدىن ئارتۇق ئېغىر جازا بىلەن جازالىنىدۇ .يېقىندىن بۇيان ، تۈرلۈك گۇۋاھلىق ۋە مەنبەلەرگە قارىغاندا ، 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر لاگېرلارغا سولانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جازا لاگىرىنى «كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى» سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشتا چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما مىڭلىغان كىشلەر ئۇ يەردە قازا قىلغان. تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلار شىنجاڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا بار.

«يەر شارى ئاۋازى» تورى شەرقىي تۈركىستاندىكى خوتەنلىك 22 ياشلىق ئۇيغۇر ئېرشات ئابدۇلھەھىدنى زىيارەت قىلغان. ئېرشات ھازىر مۇساپىر بولۇپ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بولۇپ، دادىسى ۋە چوڭ ئاكىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمىگە سولىنىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 18 ۋە 10 يىل كېسىلگەن. ئېرشات مىسىردا ئوقۇغان بولۇپ يۇرتىغا قايتىپ بارالمايدۇ. چۈنكى مىسىر خىتاي ھۆكۈمىتى « سەزگۈر » دەپ قارىغان 26 دۆلەتنىڭ تىزىملىكىدە بار بولۇپ، ئەگەر ھەرقانداق ئۇيغۇر مۇشۇ 26 دۆلەتنىڭ خالىغان بىرىگە مەيلى ساياھەت  ، مەيلى سودا قىلىش  ۋە ياكى ئوقۇش ئۈچۈن بارسۇن، يۇرتىغا قايتسىلا سوراق قىلىنىپ لاگىرغا ئەۋەتىلىدۇ ياكى تۈرمىگە سولىنىدۇ.

بۇ سۆھبەت تېلېفوندا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ قىسقارتىپ تەھرىرلەندى.

يەرشارى ئاۋازى (GV): نېمىشقا مىسىرغا ساياھەتكە بېرىشنى قارار قىلدىڭىز؟

ئېرشات ئابدۇلھەھىد (EA): مەن ئۆزۈمنىڭ دىنى بولغان ئىسلام ھەققىدە كۆپرەك ئۆگۈنۈش ئۈچۈن بارغان ئىدىم، مېنىڭ پىلانىم ئۇ يەردە ئوقۇپ ، ئاندىن يۇرتۇمغا قايتىش ئىدى. مەن 2015- يىلى مىسىرغا ئوقۇشقا بارغىنىمدا، ئۇ يەردە ئوقۇش قانۇنسىز ئەمەس ئىدى. دادام ئابدۇلھەمىد ماڭا ھەمراھ بولۇپ مىسىرغا كىلىپ مېنى جايلاشتۇرۇپ قويۇپ ، يۇرتۇم خوتەنگە قايتىپ كەتتى. ئۇ خوتەندە ماشىنا زاپچاسلىرىنى سېتىش بىلەن شوغۇللىناتتى. چوڭ ئاكام ئەبۇبەكرى ئابدۇلھەمىدمۇ تىجارەت بىلەن شوغۇللىناتتى. ئۇ 2016- يىلى 2- ئايدا مىسىرغا كېلىپ مېنى يوقلاپ ، ئىككى ھەپتە تۇرۇپ يۇرتقا قايتىپ كەتتى.

يەرشارى ئاۋازىGV:  ئۇلارغا نېمە بولدى؟

EA: ھەر ئىككىسى 2017-يىلىنىڭ بېشىدا قولغا ئېلىندى ، ئەمما بىز بۇ قولغا ئېلىشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدۇق. مېنىڭ پەرىزىمچە، دادام مېنى مىسىرغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن جازالانغان. ئاكاممۇ مىسىرغا مېنى يوقلاپ بارغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا باي ھەم مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ باستۇرۇش نىشانى قىلىپ كەلدى. داداممۇ شۇلارنىڭ بىرى. ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ ، ھەر ئىككىسى ئۇرۇمچىدىكى تۈرمىدە. ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ كىسىۋىتىلىش سەۋەبى توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋىرىمىز يوق ،. مەن ئاكامدىن ئالاھىدە ئەنسىرەيمەن ، چۈنكى ئۇ قولغا ئېلىنىشتىن بىر ئاي بۇرۇن ،  بۆرەك ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان.

GV: شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن قانداق ئالاقىلىشىسىز؟

EA: ھازىر ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقەم ئۈزۈلۈپ قالدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنى ئۈندىدارىدىن چىقىرىۋەتتى. ھازىر ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشسام، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. 2017-يىلى 6-ئايدا ، مېنى يوقلاپ كەلگەن ئاپام ۋە سىڭلىم بىلەن مىسىردىن تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلدىم.

GV: تۈركىيەدىكى يېڭى ھاياتىڭىزغا قانداق تاقابىل تۇرىسىز؟

EA: بۇ يەردە مەن جەمئىيەتشۇناسلىقنى ئۆگىنىۋاتىمەن ، ئەمما بۇ ھەقىقەتەن تەس. تۈركىيەدە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ماڭا ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ ياشاۋاتىدۇ. بىز ئاتا  – ئانىمىزدىن ئايرىلىپ ناھايىتى ئازابلاندۇق. ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشالمايمىز. بىز قاباھەتلىك چۈشتە ياشاۋاتىمىز. بىز توختىماي ئەنسىرەيمىز ۋە  ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندۇق. بۇنداق ئەھۋالدا ، دىققىتىمىزنى ئوقۇشقا  مەركەزلەشتۈرۈش ھەقىقەتەن تەس. مەن ئۈچۈن كەلگۈسى بەك قاراڭغۇدەك بىلىنىدۇ ، مېنىڭ نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشىم مۇمكىن ئەمەس.

GV: سىز قانداق قىلىپ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن پائالىيەتچى بولۇشنى قارار قىلدىڭىز؟

EA: دادام ۋە ئاكامنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ماڭا قاتتىق زەربە بولدى، ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندىم ، نېمە قىلىشنى بىلمەيتتىم. مەن پەقەت يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ راسىت بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتىم. ئىككى يىلدىن كېيىنمۇ ئۇلاردىن ھېچقانداق خەۋەربولمىغاچقا،  ئۇلارغا سىنلىق گۇۋاھلىق بەرمەكچى بولدۇم. ئاپام مېنى توستى. ئۇ مېنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئەھۋالنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىشىمدىن قورقاتتى. ئەمما 2020-يىلغا بارغاندا يەنە  ھېچقانداق خەۋەر يوق ، شۇڭا ئۇ مېنىڭ گۇۋاھلىق بىرىشىمگە قوشۇلدى. مەن شۇنىڭدىن كېيىن بەزى سىنلارنى يوللىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا مەن دىققەتنى تارتىشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى سۈپىتىدە كارتون رەسىم سىزىشقا باشلىدىم.

 

مەنبە: