زىمىستان تورىنىڭ 5- ئاينىڭ 1- كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ خىتاي ھاكىمىيىتىگە سادىق بولۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. مۇراسىمدا ئوقۇغۇچىلار خىتاي كومىنىستىك پارتىيىسىنى سۆيۈشىكە ، ئامېرىكا غا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، خىتايغا نارازىلىقىنى ئىپادىلەۋاتقان دۆلەتلەرنى تەنقىد قىلىشقا مەجبۇرلانغان.
ئىچكىرى ئۆلكىدىن كىلىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ « زىمىستان تورى» مۇخبىرىغا دېيىشىچە، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ، ئۇنىڭ مەكتىپى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى « ۋەتەنگە سادىق بولۇشقا قەسەم قىلىش» قا تەشكىللىگەن ھەمدە ئوقۇغۇچىلار « خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مەڭگۈ بىللە تۇرۇش» قا ۋەدە بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يىغىلغانلار يەنە 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن مۇتلەق كۆپ سانلىق بىلەن ماقۇللانغان « ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» دىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغان.
ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئامالسىزلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: « ھەممەيلەن ساداقەتمەنلىك بىلەن قەسەم قىلىشى كېرەك ئىدى، ھېچكىم رەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.»
قەشقەر ئۇنۋېرسىتىتى تور بېتىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، ئۇنىڭدىكى قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىمۇ 2019-يىلى 12-ئايدا يىغىن تەشكىللەپ ، « ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى»نى تەنقىد قىلغان. يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇن لايىھىسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن رەسمىي باياناتلىرىنى تەتقىق قىلىش مۇزاكىرە قىلىنغان. يىغىندا يەنە «شىنجاڭدىكى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بۇ رايوننى ئىناق ۋە مۇقىملاشتۇرۇپ ، رايوندا « مىسلى كۆرۈلمىگەن گۈللىنىش »نى كەلتۈرگەنلىكى قايتا – قايتا تەكىتلەنگەن. يىغىننى تەشكىللىگۈچىلەر ئامېرىكىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى، دەپ ئەيىپلىگەن ۋە « ئىدىيە ، سىياسىي ۋە ئەخلاق تەربىيىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ، يالغان پىكىر ۋە زىيانلىق سۆزلەرنى تارقاتماسلىققا» چاقىرغان.
« شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامىدا شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچى مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: « بارلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن « ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى»نى تەنقىد قىلىدىغان باياناتلارنى تەييارلاش تەلەپ قىلىندى ، ئۇلار مەجبۇرىي دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىدا ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەشكە ئىشلىتىلىشى كېرەك.»
ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى جازا لاگىرىغا سولانغان. خىتاي ئوقۇتقۇچىلار دائىم ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا مەجبۇرلانغان. ئۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى « قوشماق تۇغقان» «ئۆيدە بىللە تۇرۇش » پىروگراممىسىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە، شۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى دائىم يوقلاپ تۇرغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ نېمە ئىش قىلىش ، نېمە دېيىشىگە قەدەر باشقۇرۇشقا تەقسىم قىلىنغان. بەزى ئوقۇتقۇچىلار ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.
شەرقىي تۈركىستاندىكى يەنە بىر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ھەر بىر ئوقۇغۇچىدىن تېلېفونىغا ئالاھىدە ئەپ ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىنغانلىقى، بۇنداق بولغاندا ساقچىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفوندىكى ھەر قانداق «سەزگۈر» ئۇچۇرلارنى بايقىيالايدىغانلىقى، رۇخسەتسىز بۇ دېتالنى ئۆچۈرگىلى بولمايددىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئوقۇغۇچى ئونىۋېرسىتىتقا قوبۇل قىلىنغان كۈنى، «زامانىۋى مەدەنىيەتلىك تۇرمۇش» نى ساقلاپ قېلىشقا قەسەم قىلىپ ، «دىننىڭ سىڭىپ كىرىشى» گە ئاكتىپ قارشى تۇرۇشقا ، دىنىي پائالىيەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا ، دىنىي كىيىم-كېچەك ، قوشۇمچە زاپچاس ياكى بەلگە تاقىماسلىققا ۋەدە بەرگەن . بۇ تەلەپكە خىلاپلىق قىلسا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، مەكتەپ چىقارغان جازانى قوبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ ئىپادىسىنى بىلدۈرگەن.
ھەممىلا جايدا تەكشۈرۈش پونكىتى ، ھەممىلا جايدا نازارەت قىلىش ۋە ئۇيغۇر ساۋاقداشلىرىنى خورلاشنى كۆرگەن بۇ ئوقۇغۇچى ئازابلانغان ھالدا مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ يەردىن ئۈمىدسىزلەندىم ، ئوقۇشنى تۈگەتكەندىن كېيىن ، بۇ يەردىن ئايرىلىمەن».
مەنبە: « زىمىستان تورى»