شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى - Wikiwand

شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتايدىكى ھۆكۈمەت تور بەتلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ رەسمىي نامى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دىكى ئۇيغۇر سۆزىنى چىقىرىۋېتىپ «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى» دەپ قوللىنىشقا باشلىغانلىقى دىققەت قوزغىغان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن بولغان «خىتاي خەۋەرلەر تورى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق تور بەتلەردە شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت ئېلان قىلىنغان ئون پارچىدىن ئارتۇق خەۋەرلەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسمى «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى» دەپ ئىشلىتىلگەن. تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېتىدىمۇ ھەم شۇنداق بولۇپ، ئۇنىڭدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ رەھبەرلىرىمۇ «ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياكى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسى» دەپ ئاتالغان.

خىتايدىكى بىر قىسىم خەۋەر تور بەتلىرىدە خېلى بۇرۇنلا شىنجاڭ رايونى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ رەسمىي نامى سۈپىتىدە تولۇق ئىشلىتىلىپ كەلگەن ئىدى. بىراق ھازىر رەسمىي تور بەتلەردىمۇ ئۇيغۇر سۆزىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى كۆرۈلمەكتە.

مەزكۇر ئەھۋال چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈشنى باشلىغاندىن بۇيان، رەسمىي نامدىكى ئۇيغۇر سۆزىنىمۇ چىقىرىۋېتىش ئۇرۇنۇشىنى خېلى بۇرۇنلا باشلىغان ۋە بۇنى پەيدىنپەي ئەمەلىيلەشتۈرگەن.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىنلا بۇ رايوننىڭ ئىسمىنىڭ يېڭى چېگرا مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان شىنجاڭ سۆزى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتالغانلىقىدىن بىئارام بولۇپ كەلگەن،» دەيدۇ.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى