Healthcare workers in Canada 'mentally prepare' for coronavirus ...

پۈتۈن دۇنياغا يامرىغان كورونا ۋىرۇسىنىڭ چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغىمۇ تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

يېقىندا كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇلئەزىزنىڭ ئائىلە بويىچە بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ، ئۈچ ھەپتىدىن بېرى كېسەللىك بىلەن ئېلىشقانلىقى، ھازىر ئەھۋالىنىڭ كۈندىن كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان.

ئابدۇلئەزىزنىڭ ئايالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ كارانتىن يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئۆيدىن چىقمىغان، ئەمما توردىن بىر مال ئالغان بولۇپ، ئۇنى ئېچىپ ئىشلىتىپ ئىككى كۈندىن كېيىن ئۆزىدە كورونا ۋىرۇسىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى ھېس قىلغان.

ئابدۇلئەزىزنىڭ ئايالى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دەسلەپكى بىر ھەپتىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغاندا ئۆزىنى زۇكام دەپ ئويلاپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ۋىرۇسنى ئاشۇ پوچتا يوللانمىسىدىن كەلگەن دەپ گۇمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇنىڭدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئېغىرلاشقان، بالىلىرىدىمۇ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈشكە باشلىغان ۋە ئۇلارنىڭ بۇرۇن گىرىپتار بولغان كېسەللىرى قايتا قوزغالغان.

ئابدۇلئەزىز ئايالىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قاراپ، كورونا ۋىرۇسى دەپ گۇمان قىلغان بولسىمۇ، ئېنىق ھۆكۈم قىلالمىغانلىقىنى، ئۆزى ۋە بالىلىرىدىمۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغاندا ئاندىن دوختۇرخانىلار بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىنى ئېيتقان.

ئابدۇلئەزىزنىڭ ئېيتىشىچە، ئايالىنىڭ ئەھۋالى ئېغىرراق بولغاچقا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغاندا دوختۇرلار ئۇنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بېقىپ بىر نەرسە دېمىگەن، ئۆيىگە قايتىپ داۋالىنىشقا بۇيرۇغان؛ ئۇلار ئۆيىدە ئۆزىنى داۋالاشقا باشلىغان، دوختۇرلاردىن مەسلىھەت سورىغان، ئۆزلىرىگە پايدىلىق تېببىي ئۇچۇرلار ۋە باشقىلارنىڭ تەجرىبىسىدىنمۇ پايدىلانغان.

ئابدۇلئەزىزنىڭ ئايالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئائىلە دوختۇرى ئۇلارغا بىر دورا بەرگەن بولۇپ، بۇ دورا كار قىلمىسا ئۇلارغا ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى يۇققان بولىدىكەن. بۇ دورىمۇ ئابدۇلئەزىزنىڭ ئايالىغا پايدا قىلمىغاچقا ئۇ ئىككىنچى قېتىم ئۆزىنى تەكشۈرتۈشكە بارغان. تەكشۈرۈش جەريانىدا دوختۇرلارنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشتىن ئەنسىرىشى ۋە تەدبىر ئېلىش جەھەتتىكى پوزىتسىيىسى ئۇنى ئەنسىزلىككە سېلىپ، ئۆيىدە داۋالىنىش ئىرادىسىنى كۈچەيتكەن.

ئابدۇلئەزىزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىدە بار ئىمكانىيەت ۋە ئىگىلىگەن رېتسېپلارنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلانغان. ئايالىنى بۇ كېسەللىك خېلىلا قىينىغان بولسىمۇ، ئۆزى ۋە بالىلىرى بىر ھەپتە قىينىلىپ، ئارقىدىن ياخشىلىنىشقا باشلىغان.

نيۇ-يوركتىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي پەنلەر تەتقىقاتچىسى دوكتور مەمەت ئىمىن ئۇلارغا تېببىي جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىپ كېلىۋاتقان ئىكەن. دوكتور مەمەت ئىمىن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇلارغا داۋالىنىش جەھەتتە تولۇق يېتەكچىلىك قىلىپ كېتەلمىسىمۇ، روھىي جەھەتتىن ئىشەنچ ۋە خاتىرجەملىك بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئابدۇلئەزىزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈچ كۈندىن كېيىن تەكشۈرۈش نەتىجىسى نېگاتىپ چىققان؛ بۇنىڭدىن بىر تۇرۇپ خۇشال بولسا، بىر تۇرۇپ گۇمانلانغان ۋە دوختۇرلاردىن مەسلىھەت سورىغان.

دوكتور مەمەت ئىمىن بۇ ھەقتە توختىلىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ نېگاتىپ چىقىشى بىماردا ئۇ كېسەللىكنىڭ يوقلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى، باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى كارانتىن قىلىش ۋە قەتئىي داۋالىنىش كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلغان.

ئابدۇلئەزىز يەنە بۇ ۋىرۇسنىڭ ئۇنداق ياكى بۇنداق شەكىللەر بىلەن كىشىلەرگە يۇقۇشى مۇمكىنلىكىنى، توردىن بىر نەرسە ئالغاندا دىققەت قىلىش، زاكاز قىلغان مەھسۇلاتنى ھويلىدا ياكى گاراجدا بىر نەچچە كۈن تۇرغۇزۇش، ئەگەر ۋىرۇس يۇقۇپ قالغان تەقدىردە ۋاقتىدا تەدبىر ئېلىپ ئۆزىنى كارانتىنغا ئېلىشى ۋە داۋالىنىش كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلغان.

كانادادىكى ئابدۇلئەزىز ئائىلىسىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، بۇ ۋىرۇس ھەر خىل يوللار بىلەن يۇقىدىكەن. ئەگەر ۋىرۇس يۇققان تەقدىردە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىگە تايىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن غالىپ كېلىشكە تىرىشىش كېرەك  ئىكەن.

مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، كورونا ۋىرۇسى يامرىغان دۆلەتلەر ئىچىدە كانادا ھازىر 12-ئورۇندا بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلار 50 مىڭغا، ئۆلگەنلەر 2900 غا يېقىنلىشىپ قالغان.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى