باھارگۈل مەمەت خانىمنىڭ ئوغلى ئابدۇۋەلى ئابدۇغېنى ئىككى ئۇكىسى بىلەن. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغىمۇ قاتتىق تەسىر كۆرسەتمەكتە. پارچىلانغان ئائىلىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي يوقىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارالماقتا.

باھارگۈل مەمەت خانىم يۇرتىدا قالغان پەرزەنتلىرى، قېرىنداشلىرى ۋە ئاتا-ئانىسىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقىنىغا بىر قانچە يىل بولغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمى ۋە ئىرقىي كەمسىتىش سىياسەتلىرىنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرى.

باھارگۈل مەمەت خانىم كورلا شەھىرىنىڭ كونا بازىرىدىن بولۇپ، 2013-يىلى پاسپورت ئىشلىتىپ كىچىك ئوغلى مۇھەممەت غېنىنى ئېلىپ مىسىرغا كەلگەن. مىسىردا تىككۈچىلىك بىلەن شوغۇللانغاچ ئوغلىنى تىل مەكتىپىدە ئوقۇتقان.

2015-يىلى 12-ئايدا ئىنىسى ۋە ئاتا-ئانىسى پاسپورت ئىشلىتىپ، مىسىرغا باھارگۈل خانىمنى يوقلاش ئۈچۈن مىسىرغا كەلگەن. ئۇلار 40 كۈن مىسىردا تۇرغان. ئاندىن ئاتا-ئانىسىنى ھەج قىلدۇرۇش ئۈچۈن 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى تۈركىيەدىن ھەرەمگە بارغان. بىر ئايدىن كېيىن باھارگۈل خانىمنىڭ ئىنىسى رەھىم مەمەت ئاتا-ئانىسىنى ئېلىپ تۈركىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان. باھارگۈل خانىم شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋەتەنگە قايتىپ 5 ئاي تۇرغان. 5 ئاي جەريانىدا بىر نەچچە قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان، كۈنلەرچە سوئال سوراققا تارتىلغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توختىماي پاراكەندە قىلىشى ۋە پاسپورت يىغىۋېلىش ھەرىكىتىدىن خەتەرنىڭ شەپىسىنى سەزگەن باھارگۈل خانىم 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى دەرھال مىسىرغا قايتقان.

باھارگۈل خانىم مىسىرغا كەلگىنىدە مىسىردا خىتاينىڭ تەكشۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى ئاللىقاچان باشلانغان ئىكەن. مىسىردىمۇ ئەركىن ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن باھارگۈل خانىم 2017-يىلى دۇبەيگە بارغان. دۇبەيدە بىر مەزگىل ياشاپ، 2017-يىلى 4-ئاينىڭ12-كۈنى تۈركىيەگە كەلگەن. باھارگۈل خانىم ئاتا-ئانىسى ۋە بالىلىرى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم دۇبەيدە ئالاقىلىشەلىگەن. تۈركىيەگە كەلگەندىن كىيىن ئۇرۇق-تۇغقان، پەرزەنتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن.

بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن باھارگۈل خانىم چوڭ ئوغلى ئابدۇۋېلى غېنىنىڭ 2 يىل لاگېرغا قامالغىنىنى، ئىنىسى رەھىم مەمەتنىڭ 2017-يىلى 3-ئايدا تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ئاڭلىغان.

باھارگۈل خانىم ۋەتەندىن يېڭى چىققانلاردىن ئاڭلىشىچە، دادىسى 2019-يىلىنىڭ بېشىدا ۋاپات بولغان بولۇپ، ئۇ دادىسىنىڭ جىنازا مۇراسىمىغىمۇ قاتنىشالمىغان. تېلېفون ئارقىلىق دادىسىنىڭ ئاخىرقى ۋەسىيىتىنىمۇ ئاڭلىيالمىغان باھارگۈل خانىم خىتاي ھۆكمىتىنى ئەيىبلەپ، مۇنداق دېگەن: «مەن يىللاردىن بۇيان ئاتا-ئانام ۋە پەرزەنتلىرىمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. مېنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىلا ئەمەس، نۇرغۇن گۇناھسىز ئۇيغۇر خەلقى لاگېرغا ۋە تۈرمىلەرگە سولاندى. 3-4 يىلنىڭ ياقى ئاتا-ئانام ۋە پەرزەنتلىرىمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئىنساننىڭ ئەمەس، ھايۋاننىڭ ھوقۇقىمۇ نەزەرگە ئېلىنىۋاتقان دەۋردە سەكراتتىكى دادامنىڭ ئاۋازىنى تېلېفوندىنمۇ ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولالمىدىم. پەرزەنتلىرىمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغىنى 3-4 يىل بولدى. بىز خىتاينىڭ نەزىرىدە زادى نېمە؟ ھايۋانچىلىك بولسىمۇ ھەق-ھوقۇقىمىز بارمۇ؟»

باھارگۈل خانىم 85 ياشقا كىرىپ قالغان ئانىسى ۋە 10 قېرىندىشىدىن ھازىرغىچە ھېچقانداق خەۋەر ئېلىپ باقمىغان. باھارگۈل خانىم دۇنياغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا خىتاب قىلىپ، پارچىلانغان ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئورتاقلاشتى شۇنداقلا خىتاينىڭ قېرىنداشلىرى ۋە پەرزەنتلىرى ھەققىدە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلدى.

باھارگۈل خانىم ھازىر كىچىك ئوغلى مۇھەممەت غېنى ۋە ئىنىسى رەھىم مەمەتنىڭ ئوغلى بىلەن بىللە ئىستانبۇلدا ياشايدۇ. ۋەتەندە قالغان ئاتىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ مېھرىگە قانمىغان بۇ ئۆسمۈرلەر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئائىلىسىنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلىسى بىلەن ئالاقە ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن بولۇپ، باھارگۈل خانىم ئىككى بالىنى بېقىش ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كىرىم قىلىش ئۈچۈن تىككۈچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

باھارگۈل خانىم ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ داۋاسىنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېگەن: «بالىلىرىمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغۇچە، بالىلىرىم بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشمىگۈچە، داۋايىمدىن يانمايمەن. چۈنكى مەن ئانا، بالىلىرىمنى كۆرۈشكە، ئاۋازىنى ئاڭلاشقا تەقەززا بولدۇم.»

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى