ناتسىستلارنىڭ مەشھۇر تەشۋىقات مىنىستىرى جوسېف گوببېلس:« تارىخ كىتابلىرىدىكى قارا بەلگە بولسا، ئەسلى پاكىتلارنى يوقىتىپ، يالغانچىلىق بىلەن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان پاكىتلار بىلەن جەمئىيەتنى كونتىرول قىلىشىتۇر. » دېگەن. يالغاننى قانداق ئىشلىتىشتىكى تېخنىكىلارنىڭ بىرى: «تەشۋىقاتتا ئىشلىتىلگەن يالغانچىلىق قانچە چوڭ بولسا ، كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا ئىشىنىشى شۇنچە ئاسان بولىدۇ ، يالغانچىلىقنىڭ تەسىرى ئاشىدۇ». بۈگۈنكى كۈندە ،خىتاي مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىگە داۋاملىق مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاكتىكىلارنى قوللنىپ كەلمەكتە.
« كىشلەرنىڭ دىنىي ھاياتىغا دەخلى قىلىنمايدۇ » دەپ يالغان تەشۋىقاتلارنى قىلىدىغان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلارنى جازا لاگىرلىرى، تۈرمىلەرگە سولاپ قىزىل تەشۋىقات ۋە زولاش ۋاستىلىرى بىلەن ئۇلارنى ئىسلام دىنىدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.بۇ رامزان ئېيىدا خىتاي ھۆكۈمىتى يالغانچىلىق بىلەن بېزەلگەن تەشۋىقات ئۇسۇللىرى ئارقىلىق كىشلەرنى ئالداۋاتقانلىقى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى روا تۇتۇشتىن چەكلەپ، ئۇلارنى رۇزا تۇتقانلىقى سەۋەبىدىن جازالاۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن چەتئەلدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرى ئارقىلىق رامزان ئېيىنى تەبرىكلەيدىغان تەبرىك تېلىگراممىلىرى يوللاپ خەلقئارانى ئالداۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىنىڭ باياناتچىسى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى تىۋىتتېردا رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەپ، تۈرك تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان تەبرىكلەش خېتىنى ئېلان قىلدى.
تەڭگەنىڭ يەنە بىر تەرىپى پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى. ئامېرىكا PBS قانىلى يېقىندا ئېلان قىلغان ھۆججەتلىك فىلىمدە ، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى. شەرقىي تۈركىستانغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن بارغان PBS نىڭ ئالدىنقى سېپى قانىلىنىڭ ۋەكىلى لى ئۇ يەردىكى مەسچىتلەرگە كىرىپ ئۇلارنىڭ قانداق قىلىۋاتقانلىقىغا قارىدى. ناماز ۋاقتىدىمۇ لى فامىلىلىك مەسچىتنىڭ ئىچىدە بىرمۇ ئادەمنى كۆرەلمىگەن. ئۇ بۇ ئىشنىڭ غەلىتىلىكىنى ھېس قىلىپ كىشلەردىن سورىغىنىدا ، ئۇ تاپشۇرۇۋالغان جاۋاب: «كىشىلەر ئاۋارىچىلىككە يولۇقۇشتىن ئەنسىرەپ مەسچىتكە بارمايدۇ». دېگەن. لى فامىلىلىك مۇخبىرنىڭ ئۇ يەردىكى بىر ئايال بىلەن قىلىشقان سۆھبىتىدە ئاڭلىغانلىرى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ : « ئۇلار ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ دىنى توغرىسىدا پاراڭلاشمايدۇ. ئىلگىرى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېيتاتتى. ھازىر ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ سىز ئېرىشەلەيدىغان بىردىنبىر جاۋاب ». ئەگەر ئۇيغۇرلار ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۆزلىرى ئېتقاد قىلىدىغان ئىسلام دىنى ھەققىدە سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى سۆزلىسسىمۇ ، جازا لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش يېتەرلىك. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «بىز دىنىي ئەركىنلىكنى قوغدايدىغان ، كۈندىلىك دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدىغان ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنى بىخەتەرلىك بىلەن تەمىنلەيدىغان سىستېمىنى يولغا قويۇۋاتىمىز» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن 3 مىليون مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى جازا لاگېرلىرىغا ئەۋەتىپ ، ئۇلارنى ئىسلام دىنىدىن ۋاز كېچىشكە ۋە كوممۇنىزم تەلىماتىنى قوبۇل قىلىشقا قىستىدى. ناتسىستلار لاگېرلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ، ئېتقادلىرىنى ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن، جازا لاگىرىنى«مائارىپ مەركىزى» دەپ چىرايلىق ئىسىم قويۇپ دۇنيانى ئالدىغان. ئەمەلىيەتتە بۇ يەر ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى زورلۇق بىلەن يېنىشقا مەجبۇرلىنىدىغان جاي. لاگېردىن سالامەت قۇتۇلۇپ چىققانلارنىڭ گۇۋاھلىقى بۇلارنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بۇرۇن ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىمدە ، سادىرجاننىڭ ئايالىغا نېمە ئىش بولغانلىقى ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىك ئارقىلىق مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. سادىرجان لاگېردا تۇرۇۋاتقان ئايالىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان. ئەمما ئۇنى ھەيران قالدۇرۇپ، يۈرىكىنى ئەڭ يارىلاندۇرغىنى ، لاگېرغا كىرىشتىن ئىلگىرى دىنىي ئېتىقادىغا ئاساسەن بېشىغا ياغلىق چەگكەن ئايالى مۇيەسسەرنىڭ، لاگېردىن چىققاندىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ياغلىقسىز چۈشكەن سۈرەتلىرى بولغان. سادىرجان: «بۇ ئۇنىڭ كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ قانچىلىك بېسىمغا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . ئۇ شۇنداق بېسىمغا دۇچ كەلگەنكى ، ئۇنىڭدىن ئانىلىقنى ، ھەتتا بالىلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىش تەلەپ قىلىنغان. ئەمما بىز ئۇنى داۋاملىق سېغىندۇق ».دېگەن.
بۇ پاكىتلارنىڭ ھەممىسى ئېنىق . خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ۋەكىلى ، شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ئەرەبچە خەت ئىشلىتىشنى چەكلىگەن ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى پەقەت خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش يېتەرلىك.
يەنە بىر تەرەپتىن ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆرسەتكەن بېسىمىنى پەقەت دۆلەت ئىچىدىكى ئىچكى مەسىلە دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم سۆزلەش كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە غەرب دۆلەتلىرى ، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسى بۇ رەھىمسىز رىئاللىقنى توختىتىشقا كۈچىشى كېرەك.
مەنبە : ئۇيغۇر ھەرىكىتى