يېقىندا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت مۈشكۈلاتىنى تەپسىلىي بايان قىلغان ئىدى.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قوللىرىدىكى ئىناۋەتلىك ۋاقتى توشۇپ قالغان خىتاي پاسپورتىنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېرىپ يەڭگۈشلىمەكچى بولغان. ئەمما ئۇلارغا خىتايغا قايتىپ يەڭگۈشلەش بۇيرۇلۇپ، خىتايغا قايتىشقىلا ئىشلەيدىغان «ئاق پاسپورت» بېرىلگەن.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» 29-ئاپرېل كۈنى مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇنداق ئەھۋالنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان.. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى يالقۇن ياقۇپ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ پۈتۈنلەي تۆھمەت، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى پاسپورت باشقۇرۇش نىزامىنىڭ يۈزىگە قارا سۈركىگەنلىك،» دېگەن. ئۇ يەنە جىنايى ئىشلار بىلەن شۇغۇللانمىغان ھەرقانداق خىتاي پۇقراسىنىڭ ھەرقانداق بىر ئەلچىخانا ياكى كونسۇلخانىدا خالىغانچە پاسپورت يەڭگۈشلىسە بولىدىغانلىقىنى، «تېررورلۇق پائالىيەتلىرى» بىلەن باغلىنىشلىق بولغان قىسمەن كىشىلەردىن باشقىلارغا ھېچقانداق چەكلىمە يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى چەتئەلدىن قايتىپ بارغان يۈزلىگەن ئۇيغۇرنىڭ ئىز-دېرەكسىز ھالدا غايىب بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك يوللاردىن خەۋەرلەر مەلۇم بولغان بولۇپ، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دەل مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى «پاسپورت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قايتىشقا مەجبۇرلاش ۋە لاگېرغا قاماش» دەپ خۇلاسە چىقارغان ئىدى. ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە توختىلىپ: «نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئوخشاش يوسۇندا دۇچ كەلگەن مۇشۇ قىيىنچىلىقنى ئىنكار قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك نومۇسسىز بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى،» دېگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى