中国新疆阿克苏雅戈尔集团的棉纺织厂工人在工作。(2015年12月1日)

 

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ۋە «يەرشارى قانۇنىي ھەرىكەت بىرلىكى» (Global Legal Action Network) قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىرلىشىپ، كۈچلۈك دەلىل ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ئەنگلىيەنىڭ تاموژنا ئورگانلىرىدىن خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ خەت يازغان. بۇ تەلەپنامە خان جەمەتى تاموژنا ئىدارىسىگە سۇنۇلغان .

تەلەپنامىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىش ئەنگلىيەنىڭ «تۈرمىلەردە ياسالغان بۇيۇملارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار قانۇنلىرىغا خىلاپ بولۇپ، بۇنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەشكىلاتلار شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن پاختىنى مەھسۇلات مەنبەسى قىلىپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان  H & M ، IKEA ، Uniqlo ، MUJI  قاتارلىق خەلقئارالىق داڭلىق ماركىلارنى تىلغا ئالغان بولۇپ،  ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر مەجبۇرىي ئەمگەكككە سېلىپ ئىشلىتىشنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ بۇ مەجبۇرىي ئەمگەك ھادىسىسىگە سەل قاراۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش سانائەتلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا كۈچلۈك دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ ئىشقا ئالاقىدار شىركەتلەرنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىيالمىسا،  تاموژنادىن كىرگەن مەھسۇلاتلىرىنى دەرھال مۇسادىرە قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

H & M ۋە IKEA نىڭ ئېيتىشىچە ،  پاختا سېتىۋېلىشقا مەسئۇل تەشكىلاتلار  شەرقىي تۈركىستاندىن پاختا سېتىۋېلىشنى تەستىقلىمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

Uniqlo ۋە Muji  ئىككى شىركەت تېخى تاراتقۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمىگەن.

دۇنيا سودا تەشكىلاتى ۋە باشقا قانۇنىي گۇرۇپپىلارمۇ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىدىن شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا ، شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇلغان جازا لاگېرلىرىغا كەم دېگەندە 1 مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار سولانغان. شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ % 80 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن.

مەنبە: