-
« 5 -ئىيۇل»نى ھەم ئىپتىخار ھەم ئېچىنىش بىلەن ئەسلەيمىز
« 5 -ئىيۇل»نى ھەم ئىپتىخار ھەم ئېچىنىش بىلەن ئەسلەيمىز بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇنقى مۇشۇ كۈندە، ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈرۈمچىدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن شاۋگۈەندە كالتەكلەپ ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلىرىنىڭ ھېساۋىنى سورىدى. ئەلۋەتتە بۇ […]
-
رابىيە قادىر: خاكان فىداننىڭ قۇچاقلاشلىرىدىن سۆيۈندۇق، سۈكۈتىگە ئېچىندۇق
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىر خاكان فىدان 4 - ۋە5-ئىيۇن كۈنلىرىدىكى ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر زىيارەتلكىرى داۋامىدا، ئۇچراشقان ۋە ئۇچراشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى باغرىغا باستى، قىزغىن سالاملاشتى؛ سۆيۈندۇق. ئەمما، ئېغىزىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىنى توغرا ئەكس […]
-
رابىيە قادىر: قاتىلدىن تېنچلىق ھەققىدە دەرس ئاڭلاش ھاقارەتتۇر
فرانىسيە پرېزدېنتى ماكرون خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى پارىجزدا قىزغىن كۈتىۋالدى. ماكرون سۆھبەتتە كانياك سودىسىنى ئاساسى تىما قىلغاندىن باشقا، ئۇكرائىنىيە مەسىلسىدە شى جىنپىڭنىڭ مۇرەسسەچىلىك قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. شى جىنپىڭ […]
-
قەھرىمانلىرىمىزنى تونۇيلى، ئاۋازىنى دۇنياغا يەتكۈزەيلى
بىر مىللەتنىڭ ئىچىدە، ھاياتىنى دوغا تىكىپ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى سۆزلەيدىغان ئىنسانلار بەزى مىللەرلەردە 10 يىلدا، بەزى مىللەتلەردە يۈز يىلدا بىر قېتىم چىقىدۇ، ئەمما، بىزنىڭ خەلقىمىزدا، يىلدا، ۋە بەلكىم ھەر ئاي ، […]
-
رابىيە قادىر : تۆھمەتچىلەرگە ھەددىنى بىلدۈردىڭىز، كۈچىمىزگە كۈچ قاتتىڭىز
( تۈركىيە مىللەتچى ھەركەت پارتىيەسى رەھبىرى مۆھتىرەم دەۋلەت باغچەلى ئەپەندىگە ئوچۇق خەت ) ھۆرمەتلىك دەۋلەت باغچەلى، دەل ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىقتىڭىز، بىز ئۇچرىغان تۆھمەتكە ئىنكاس قايتۇردىڭىز ، تۆھمەتچىگە ھەددىنى بىلدۈردىڭىز. ھەققانىي […]
بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئۇلۇغ رامازان ئېيىغا مۇبارەك بولسۇن
# بارچە ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ مۇبارەك رامازان ئېيىنى سەمىمىي تەبرىكلەيمەن! بۈگۈن مىللىتىمىز خىتاينىڭ سىستېمىلىق قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئاستىدا تارىختىكى ئەڭ ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزمەكتە. مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىز لاگېرلاردا، تۈرمىلەردە ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانلىرىدا ئىزتىراپ چەكمەكتە. مۇشۇنداق ئېغىر سىناق دەۋرىدە، ئۇيغۇر خەلقى سۈپىتىدە بىزنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئىتتىپاقلىشىشىمىز، ئۆملۈشىشىمىز، بىر-بىرىمىزگە كۆيۈنۈشىمىز ۋە ياردەمدە بولۇشىمىز زۆرۈردۇر. پەقەت بىرلىكتە تۇرغاندىلا، بىرلىكتە كۈچ چىقارغاندىلا، بىز ۋەتىنىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرالايمىز. رامازان ئېيىدەك مۇشۇ مۇقەددەس ئايدا، بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئارا يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇشقا، بىر-بىرىنى كەچۈرۈشكە ۋە ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرىمەن. ئىختىلاپلار ۋە تالاش-تارتىشلار بىزنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ئەمما مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئۆز ئارا ھۆرمەت بىزنى كۈچلەندۈرىدۇ. مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالى بىزنىڭ قانچىلىك ئىتتىپاق بولالايدىغانلىقىمىزغا باغلىقتۇر. بۇ مۇقەددەس ئايدا، بىرلىكتە ئاللاھقا دۇئا قىلايلى. ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان مۇھەببەت، ۋەتىنىمىزنىڭ ئەركىنلىكىگە بولغان ئىشەنچ ئۇلغايسۇن. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزگە سەۋر، غەيرەت ۋە ھىدايەت ئاتا قىلغاي. رامازانىڭىز مۇبارەك بولسۇن! رابىيە قادىر ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى 10-مارت، 2025
ھىندىستان تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر بالىلىرىغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى بايانات ئېلان قىلىنغان
ئۇيغۇر ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان شەرقىي تۈركىستان شىۋىتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى (SUK) يەكشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىگەن. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن : ب د ت بالىلار ھوقۇقى ۋە بالىلارنى قوغداش قانۇنى، «بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» يەنىلا شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ ئازابلىنىپ ياشاۋاتقان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالىسىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنى قوغدىيالمىدى. بۇ تەشكىلات باياناتىدا يەنە مۇنداق دېگەن: ««بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ ، دۇنيا مىقياسىدا بالىلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھالبۇكى بۇ قانۇن خىتاي ئىشغالىيىتى ، مۇستەملىكىسى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالىسى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرگە قارشى ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتەلمىدى ۋە بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىشتىكى مەغلۇبىيىتىنى ئاشكارىلىدى ». باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئائىلىسىدىن مەجبۇرى ئايرىۋىتىلىپ ، بالىلار جازا لاگىرلىرىغا قامالدى. ئائىلە مۇھىتىدىن مەھرۇم قالغان بۇ ھىمايىسىز بالىلار جىسمانىي ۋە پسىخولوگىيىلىك قىيناش ، مەجبۇرىي ئەمگەك ، ئىچكى ئورگانلىرىنى يىغىۋېلىش ، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە سىستېمىلىق مېڭە يۇيۇش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كىشلىك ھۇقۇقى ئېغىر دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرايدۇ . ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىكىنى ئۆچۈرۈپ ، ئۇلارنى سېستىمىلىق تەربىيلەپ ، ئۆزلىرىنىڭ سادىق پۇقرالىرىغا ئايلاندۇرىدۇ ». باياناتتا يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ۋەھشىيلىكلەر ئالدىدا سۈكۈت قىلماسلىقىنى، تېگىشلىك دىپلوماتىك ، ئىقتىسادىي ، قانۇنىي تەدبىرلەر ئارقىلىق بالىلارنىڭ قانۇنىي ھەق – ھۇقۇقىنى قوغداشنى ۋە بۇ جىنايەتلەرنىڭ سۈرۈشتۈرۈلۈپ ، خىىتايدىن بۇ جىنايەتنى توخىتىش ھەققىدە چاقىرىق قىلىش تەلەپ قىلغان. مەنبە:https://www.indianarrative.com/world-news/uyghur-rights-organization-bashes-china-for-atrocities-in-xinjiang-159809.html
«رابىيە قادىر سودا سارىيى» نىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى
ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سودا ساھەسىدە كەڭرى تونۇلغان ئۈرۈمچىدىكى «رابىيە قادىر سودا سارىيى» ئۆتكەن جۈمە كۈنى چېقىۋېتىلگەن. مەزكۇر سودا ساراي، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە 1990-يىللاردىن كېيىن زور بىر تۈركۈم سودا-كارخانىچىلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تۈرتكە بولغان. خىتاي دائىرىلىرى 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، بىنانىڭ ساھىبى رابىيە قادىر خانىمنى مەزكۇر ۋەقەنىڭ قوزغىغۇچىسى دەپ ئەيىبلەش بىلەن بىرلىكتە، مەزكۇر سودا سارىيىغىمۇ پېچەت سېلىپ مۇلازىمەتتىن توختاتقان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بىنانى چېقىشنىڭ ئالدى-كەينىدە بىنانىڭ ساھىبى رابىيە قادىر خانىم ياكى ئۈرۈمچىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش قىلمىغان، جەمئىيەتكىمۇ چېقىلىش سەۋەبى ھەققىدە ئىزاھات بەرمىگەن. ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت ئالاقىدار قاناللىرى ئارقىلىق ئۈرۈمچىدىكى «رابىيە قادىر سودا سارىيى» نىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. بۇ ئۇچۇرنى تېخىمۇ تەپسىلىي ئىگىلەشكە تىرىشقان زۇمرەت داۋۇت خانىم، خىتاينىڭ دۆلەت ئاخباراتى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنى، جۈملىدىن دويىننى ئىزچىل كۆزەتكەن بولسىمۇ، مەزكۇر سودا-ساراينىڭ چېقىلىشىغا ئائىت ھېچقانداق بىر ئۇچۇر، ئۇقتۇرۇش ياكى رەسىم ئۇچراتمىغان. ساراينىڭ ساھىبى رابىيە قادىر خانىممۇ، ئۈرۈمچىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئالاقە ئۈزۈكلۈكى سەۋەبىدىن، بىنانىڭ نېمە ئۈچۈن چېقىلغانلىقى، ئىقتىسادىي زىياننىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىكى مۇخبىرلار مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرا خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ئىدارە ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ ئۇچۇرلارنى دەلىللەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، تېلىفۇننى قوبۇل قىلغان كىشلەر بۇ ھەقتە ئۇچۇر بىرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان ياكى تىلغا ئېلىشتىن قورقۇپ، بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. زۇمرەت داۋۇتقا كەلگەن ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، رابىيە قادىر سودا سارىيى چېقىلغان كۈنى جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان؛ بۇ تەدبىرلەرنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە مەزكۇر سودا ساراي جايلاشقان يول ۋە ئەتراپتىكى كوچىلار نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. ئەتراپتىكى ساياھەت ئورۇنلىرى زىيارەتتىن چەكلەنگەن. زۇمرەت داۋۇتنىڭ يەنە ئۇقۇشىچە، بىنا چېقىلىشنىڭ ئالدىدا ئەتراپتىكى دۇكان ۋە بىنالارنى تاقاش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان. زۇمرەت داۋۇت خانىمغا كەلگەن ئۇچۇردا بىنانىڭ پارتلىتىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىكى مۇخبىرنىڭ تېلىفۇنىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىممۇ، دائىرىلەرنىڭ ساراينى چېقىشنى مۇمكىن قەدەر شەپىسىز ئېلىپ بېرىشقا تىرىشقانلىقى، ئەمما بىنانىڭ پارتلىغان ئاۋازى بىلەن كوچىلارنى قاپلىغان ساقچىلارنىڭ ئەسلىدىنلا ئەنسىزچىلىك ئىچىدىكى شەھەردە تېخىمۇ ۋەھىمە پەيدا قىلغانلىقى، نەتىجىدە ساراينىڭ چېقىلىشنىڭ جەمئىيەتتە كەڭرى بىلىنىشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. تېلىفۇن زىيارىتى جەريانىدا، ئۈرۈمچىدىكى بىر ساياھەت ئىدارىسى خادىمى ساراينىڭ چېقىلىپ بولغانلىقىنى دەلىللىگەن. «رابىيە قادىر سودا سارىيى» 1990-يىلى سېلىنغان، بۇ سارايغا يانداش بىنا «ئەقىدە سودا سارىيى» بىلەن قاتقاندا جەمئىي 30 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە بولۇپ، 600 دىن ئارتۇق دۇكان، يىغىن زالى، توي سالونى، دەرسخانا ۋە مېھمانخانا ياتاقلىرىدىن تەشكىللەنگەن. ساراي سودا-تىجارەت ئىشلىرىدىن باشقا مىللەتپەرۋەر زىيالىيلارنىڭ ئۇچرىشىش جايى، ياش ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ تەربىيەلىنىش ماكانى، خەير-ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئىش باشلاش ئورنى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئورنىغا ئايلانغان. چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ سودا ساراي رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا رەئىس بولغان، پەرزەنتلىرى تۈرمىگە تاشلانغان ۋە 2009-يىلى بىناغا پېچەت سېلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي بىناكارلىق ۋە ئەنئەنىۋى سودا ماھارىتىنىڭلا ئەمەس، بەلكى مىللىي سىياسىي مەيدان ۋە ئىرادىنىڭمۇ سىمۋولىغا ئايلانغانىدى. بۇ سودا ساراي كۆپ يىللار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن تونۇش كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا كۆرۈشىدىغان، ئۇچرىشىپ پىكىرلىشىدىغان، ھەتتا تونۇشىدىغان، سودا ۋە دوستلۇق ئالاقىلىرى قىلىدىغان بىر مۇھىم سىمۋوللۇق تۈگۈنگە ئايلانغانىدى. مەنبە: https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/rabiye-sariyi-12092024142139.html
بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئۇلۇغ رامازان ئېيىغا مۇبارەك بولسۇن
# بارچە ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ مۇبارەك رامازان ئېيىنى سەمىمىي تەبرىكلەيمەن! بۈگۈن مىللىتىمىز خىتاينىڭ سىستېمىلىق قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئاستىدا تارىختىكى ئەڭ ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزمەكتە. مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىز لاگېرلاردا، تۈرمىلەردە ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانلىرىدا ئىزتىراپ چەكمەكتە. مۇشۇنداق ئېغىر سىناق دەۋرىدە، ئۇيغۇر خەلقى سۈپىتىدە بىزنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئىتتىپاقلىشىشىمىز، ئۆملۈشىشىمىز، بىر-بىرىمىزگە كۆيۈنۈشىمىز ۋە ياردەمدە بولۇشىمىز زۆرۈردۇر. پەقەت بىرلىكتە تۇرغاندىلا، بىرلىكتە كۈچ چىقارغاندىلا، بىز ۋەتىنىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرالايمىز. رامازان ئېيىدەك مۇشۇ مۇقەددەس ئايدا، بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئارا يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇشقا، بىر-بىرىنى كەچۈرۈشكە ۋە ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرىمەن. ئىختىلاپلار ۋە تالاش-تارتىشلار بىزنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ئەمما مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئۆز ئارا ھۆرمەت بىزنى كۈچلەندۈرىدۇ. مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالى بىزنىڭ قانچىلىك ئىتتىپاق بولالايدىغانلىقىمىزغا باغلىقتۇر. بۇ مۇقەددەس ئايدا، بىرلىكتە ئاللاھقا دۇئا قىلايلى. ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان مۇھەببەت، ۋەتىنىمىزنىڭ ئەركىنلىكىگە بولغان ئىشەنچ ئۇلغايسۇن. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزگە سەۋر، غەيرەت ۋە ھىدايەت ئاتا قىلغاي. رامازانىڭىز مۇبارەك بولسۇن! رابىيە قادىر ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى 10-مارت، 2025
رابىيە قادىر : تايلاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ خەلقئاارا مۇناسىۋەتلىكلەردىكى ئادالەتسىزلىكنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى
27 » -فېۋرال» تارىخىمىزدىكى ئۇنتۇلغۇسىز قاراڭغۇ كۈنلەردىن بىرىگە ئايلاندى. خىتاي 11 يىللىق بېسىم ۋە ئالداشلىرىدىن كېيىن، تايلاندىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ ئەكەتتى. دۇنيادىن ئىنسانىي ياردەم كۈتكەن 40 قېرىندىشىمىز، خىتاي-تايلاند شېرىكچىلىكىنىڭ قۇربانىغا ئايلانلاندى. شاھىت بولدۇمكى، بۇ ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش مەسىلىسىدە، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە خەلقئاارا تەشكىلاتلار بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتتى. ئەمما خىتاي-تايلاند ھەمكارلىقىنىڭ ئالدىدا ئاجىز كېلىپ قالدى. ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلەتۋاتقان بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەربابلىرى خىتاي ۋە تايلاندقا بەزى ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بەرگەن بولسىمۇ، خىتاينى پەيلىدىن ياندۇرۇشقا يارىمىدى. نەتىجىدە خەلقئاارا مۇناسۋىەتتىكى ئادالەتسىزلىكنىڭ يەنە بىر قېتىم قۇربانىغا ئايلاندۇق. خىتاي تەرەپ بۇ قېتىم، تەشۋىقاتىدا پەرقلىق بىر يول تۇتتى، قايتۇرۇلغانلارنىڭ چىگرا ئەتكەسچىلىرىنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكى، يۇرتدىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ تەلىبى بويىچە قايتۇرۇپ ئەكەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى، تايلاندمۇ، خىتاينىڭ ئۇلارنى جازالىماسلىققا ۋە ئائىلىسىگە قايتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى. دېمەك ھەر ئىككى تەرەپ، شېرىكلىشىپ ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنى يوشۇرۇشنىڭ كويىدا. پاكىتلار كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇكى، خىتاي چىگراسىدىن رۇخسەتسىز چىققان، ب د ت دىن پاناھلىق تىلگەن، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پاالىيەتچىلىرىدىن ياردەم سورىغان، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ جازاسىز قېلىشى مۈمكىن ئەمەس؛ بىر-ئىككىسى كۆرگەزمىلىك ئۈچۈن ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ، بۇ قايتا تۇتۇلماسلىقىنىڭ كاپالىتى ئەمەس. شۇنداق بولغاچقا، ئۇ پاناھلانغچىلار، ئامال بولمىغاندا تايلاند تۈرمىسىدە قاپقېلىش، ئەمما خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقنى مۇراجىئەت قىلغان . بۇ مۇراجىئەتمۇ رەھىمسىزلەرچە ۋە نومۇسسىزلارچە رەت قىلىندى. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالدى بىلەن ئىنسان قېلىپىغا تېخىچە كىرىپ بولالمىغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە پۇل ئۈچۈن جىنايەتكە شېرىكلەشكەن تايلاند ھۆكۈمىتىگە لەنەت ئوقۇيمەن. دۇنيا جامائىتى ئۇنتۇماسلىقى كېرەككى، ھازىر قايتۇرۇلغانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭلا ئەمەس، چەتئەل سەپىرىنىڭ ئالدى ۋە داۋامىدا ئۇچراشقان، ئالاقىلاشقان بارلىق ئۇرۇق-تۇققان ۋە تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ ھاياتى خەتەر ئاستىدا. خىتاي نۆۋەتتە بۇ قايتۇرۇپ ئەكەتكەنلىك » غەلىبىسى» كۈچەپ تەن-تەنە قىلىۋاتىدۇ. مەقستى خەلقىمىزنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇش ۋە خەلقئاارا ئادالەتتىن پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەندۈندۈرۈش. خىتاينىڭ بۇ تۈر ئىجرائات ۋە تەشۋىقاتلىرى، ئۇنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە قىلچە ئىلگىرىلىمەيدىغانلىقى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختۇتۇش خىيالى يوقلۇقى، ئۆتكۈزىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىدىن قىلچىمۇ گۇناھكارلىق تۇيغۇسى ھېس قىلمايدىغانلىقى ۋە ئەكسىچە ئىپتىخارلىنىدىغانلىقى بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. خىتاينىڭ دىكتاتور رېجىمى سەۋەپلىك دۇنياغا كەڭرى يېيىلغان خىتاينىڭ كوۋىد ۋاباسى، دۇنيادا 7 مىليون ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولغۇنىدەك، خىتاينىڭ ھاكىمىيەت تەبىئىتىدىكى بۇ ياۋۇزلۇقمۇ ، بۈگۈن بىزنىڭ جېنىمىزغا زامىن بولۇۋاتقان بولسا، ئەتە باشقا ئەللەرگىمۇ تولدۇرغۇسىز زىيان-زەخمەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى تامامەن مۈمكىن . شۇڭا مەن خەلقئاارا جامائەت ئىچىدىكى ھەقنى ياقلىغۇچى ۋە دۇنيا تېنچلىقىنى كۆزلىگۈچىلەرنى خىتاينىڭ بۇ ياۋۇزلۇقىغا سۈكۈت قىلماسلىققا، خىتاي بىلەن تايلادنىڭ پاناھلانغۇچىلارنى مەجبۇرى قايتۇرۇش زوراۋانلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشقا ۋە ئۇلارنى جاۋاپكارلىققا تارتىشقا چاقىرىمەن
قارا كۈنلىرىمىزدە ئەۋلادلىرىمىزغا قۇچاق ئاچقان يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن
(سۈرىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ھەقسىز ئوقۇتۇش قارارى توغرىسىدا) سۈرىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى باشلانغۇچتىن ئۇنىۋېرسىتېتقىچە ھەقسىز ئوقۇتۇپ بېرىش قارارى بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى، شەخسەن مېنى سۆيۈندۈردى. سۆيۈنچىم كىچىككىنە بولسىمۇ يۈكىمىزنىڭ يېنىكلىگەنلىكىدىن بەكرەك، بۇ قاراڭغۇ كۈنلىرىمىزدە، بىر دۆلەتنىڭ بىزنى چۈشىنىشى ۋە ھىمايە قىلىشىدۇر. ئەلۋەتتە، بۇ چۈشىنىشتە، سۈرىيەدىكى ئىنقىلابچىلار بىلەن ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ بىر مەزگىللىك ھەمكارلىقى ۋە سەپداشلىقىنىڭ تۈرتكىسى ۋە يۈز خاتىرىسى بار دەپ بىلىمىز. ئەمما مىللىتىمىز ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان يېقىنقى دەۋرلەردە، دوست ۋە قېرىنداش ئەللەر تەرىپىدىن بۇزۇلغان ۋەدىلەرگە، چەيلەنگەن ھەمكارلىق پىرىنسىپلىرىغا، ھەتتا ساتقۇنلۇقلارغا كۆپ شاھىت بولدۇق. ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستاندا 3 مىليوندىن ئارتۇق قېرىندىشىمىز 7 يىلدىن بۇيان يىغىۋېلىش لاگېرى ۋە تۈرمىلەردە چىرىپ كېتىۋاتقان بۇ يىللاردا خەلقئارا ئىسلام تەشكىلاتى مەسىلىمىزنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقىشى كېرەك ئىدى. بېشىمىزدىن كەچۈرۈۋاتقان پاجىئەلىرىمىزگە يېقىندىن شاھىت بولۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش مىللەتلىرىمىز ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى قوشنىلىرىمىز بىزگە قۇچاق ئېچىشى كېرەك ئىدى. ئەكسىچە، ئۇلار بىزگە دۈمبىسىنى قىلىۋالدى، ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇردى. ئوتتۇرا شەرقتىن تەشكىللەنگەن ئاتالمىش ئۆلىمالار، خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يۇرتىمىزنى زىيارەت قىلىپ خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىغا چاۋاك چالدى؛ ھەتتا ئىسلام تەشكىلاتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى قوللاپ 3 قېتىم بايانات بەردى. غەرب دۆلەتلىرى ۋەزىيىتىمىزنى قىرغىنچىلىق دەپ تونۇغان بولسىمۇ، ئەمما قوللىشى ھېسداشلىقتىن ئەمەلىي بىر تەدبىرگە ئۆتەلمىدى. مانا مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلىرىمىزدە يېڭى قۇرۇلغان سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەرزەنتلىرىمىزگە ئىگە چىقىشى بىزگە زور ئىلھام بولدى ۋە ئۈمىد بەردى. شۇنداقلا دۇنياغا، جۈملىدىن ئىسلام ئالىمىگە بىر دەرس بەردى، بىر ئۆلگە كۆرسەتتى. ۋەتىنىمىز 1949-يىلى ئىشغال قىلىنغاندىن بۇيان خىتاينىڭ دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن بېسىم ۋە باستۇرۇشلىرىغا بويۇن ئەگمەي كەلگەن بولساق، دۇنيادا ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكىمىز ئۈچۈندۇر. قېرىنداش ئەللەر تەرىپىدىن خىيانەتكە ئۇچرىغان ۋاقىتلىرىمىزدا يەنە ئۈمىدىمىزنى يوقاتمىغان بولساق، ئىلاھىي ئادالەتنىڭ ھامان بىر كۈنى چاقنايدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكىمىز ئۈچۈندۇر. خىتاينىڭ كۆرۈنۈشتىكى تەرەققىياتلىرىغا قىزىقماي ۋە ھەۋەس قىلماي، سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدە ئېرىمەي كېلىۋاتقان بولساق، مۇسۇلمانلىقنى ئاساس قىلغان مىللىي مەدەنىيىتىمىزدىن ئىپتىخارلىنىپ كەلگىنىمىز ئۈچۈندۇر. سۈرىيەنىڭ مەزكۇر قارارىدىن، بۇ ئىپتىخارىمىزنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنىڭ يەنە بىر پاكىتىنى كۆرگەن بولدۇق. راست گەپنى قىلسام، ئەندىشىلىرىم يوق ئەمەس ئىدى. چۈنكى، خىتاي چوڭ بىر ئىقتىسادىي كۈچ، خەلقئارا سەھنىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پەردازلاشتا ۋە ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشتە، بۇ كۈچىنى «سېخىيلارچە» قوللىنىپ كەلدى. شۇڭا يېڭى قۇرۇلغان سۈرىيەمۇ، خىتاينىڭ قىلتاقلىرىغا دەسسەپ كېتەرمۇ – سۈرىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە كەلگۈسى خەتەرگە ئۇچرارمۇ دېگەن ئەندىشە بىزنى بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. سۈرىيە يېڭى ھۆكۈمىتى بۇ قارارى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتلەرنى ھەممىنىڭ ئۈستىگە قويىدىغان، زالىمغا يانتاياق بولمايدىغان ئالىيجاناب روھىنى ئەمەلىي بىر قەدەم بىلەن نامايەن قىلدى، بىزگە خاتىرجەملىك بېغىشلىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭ قىلسۇن، ئۇلارغا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلسۇن ۋە توغرا يولدىكى قەدەملىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلسۇن. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر 15-فېۋرال، 2025، ۋاشىنگتون
رابىيە قادىر: تايلاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىمالى قورقۇنۇچلۇق بىر خەۋەر
بىرقانچە كۈندىن بېرى تايلاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى ھەققىدە ئىجتىمائىي ۋە رەسمىي ئاخباراتلاردا خەۋەرلەر تارقالماقتا. خىتاي تۈرمىسىدە 6 يىل يېتىپ چىققان بىر سابىق مەھبۇس، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئىزچىل كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر رەھبەر سۈپىتىدە ئېيتىمەنكى، بۇ ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق بىر خەۋەر. چۈنكى كامبودجادىن 2010 -يىلى قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىچە جازا ئۆتەۋاتقانلىقى، ئارىلىرىدىن ئىككىسىنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ۋە بىرسىنىڭ ئېغىر كېسەل ھالەتتە تۈرمىدە ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ تېخى ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلاندى. خەۋەردە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھامىلدار ئايال شەھىدە قۇرباننىڭمۇ قېيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقى ۋە قېيىن-قسىتاقتىن 4 ئايلىق ھامىلىسىنىڭ قورساقتىن چۈشۈپ كەتكەنلىكى بايان قىلىندى. بىر ھامىلدار ئايالغىمۇ مەرھەمەت قىلمىغان بىر ھاكىمىيەت، تايلاندىن قايتۇرۇلغان 48 نەپەر ئۇيغۇرغا نىمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋەۇر قىلىش تەس ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئاقىۋتى شەك-شۈبھىسىزكى ئۆلۈم بولىدۇ، تايلاندنىڭ قىلمىشى قوينىڭ قوزىسىنى بۆرىنىڭ ئېغىزىغا سېلىپ بەرگەندەك ۋىجدانسىزلىق ۋە نائەھلىلىك بولىدۇ. ئىشنىڭ قورقۇنۇچلۇق تەرىپى يالغۇز، بۇ 48 كىشى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇرۇق-تۇققان، دوست بۇرادەرلىرىنىڭ ئاقىۋىتىلا ئەمەس، خەلقارادا 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ۋە توختىتىشقا چاقىرىق قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەت، تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئەمگىكى نۆلگە تەڭ بولغان، ۋەتەندە لاگىردىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتۇقۇزش ئەمەس، كۆز ئالدىدىكى پاناھلانغۇچى ئۇيغۇرلارنىمۇ قۇتقۇزۇشقا كۈچى يەتمىگەن بولىدۇ. خەلقئارا ئادالەتتىكى بۇ ئاجىزلىق خىتاينى ۋە خىتاينى قوللاپ كېلىۋاتقان دىكتاتور دۆلەت ۋە مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى بۇ نەتىجىسىنى دۆلەت ئىچىدە كۆز-كۆز قىلىپ تۇرۇپ مەزلۇم خەلقلەرنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇدۇ، ئۆزىنىڭ تەختىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ. يېقىنقى 10 يىلدا خىتاي مىسىردىن، مالايشىيادىن، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن، ھىندونوزىيەدىن ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇريەتلىرىدىن مىڭلارچە پاناھلانغۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە تىجارەتچىنى قايتۇرۇپ ئەكەتتى، ئۇلاردىن بىرسىنىڭمۇ سىرتتا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يوق؛ ئەكسىنچە ھەممىسىنىڭلا تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىلگەنلىكى، بۇلارنىڭ خېلى بىر قىسمىنىڭ قېيىن قىستاقتىن ياكى ئېغىر ئەمگەكتىن ئاجىزلاپ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە يۈزلەرچە ئاخبارات خەۋەرلىرى بار. مانا مۇشۇ ۋەزىيەتتە، تايلاندىكى 48 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە سۈكۈت قىلىش ئىنسانىي تۇيغۇرلىمىزنى يوقاتقان، زالىمنىڭ زۇلۇمىغا بويۇن ئەگكەن، قاتىلنىڭ ۋەھشىلىكىگە كۆنگەن ۋە ئۇنىڭغا كۆز يۇمغانغا باراۋەردۇر. شۇڭا مەن، تايلاندىكى 48 ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ، خەلقئاارا قانۇن ۋە ئادالەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنىڭ چەيلەنمەسلىكى ئۈچۈن، مەن بارلىق ھەقنى سۆيەر دۆلەت ئەربابلىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى نوپۇزلۇق شەخىسلەرنى ئۆز دۆلەتلىرى ئارقىلىق تايلاندقا بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ ئېھتىمال قارارىنى بىكار قىلدۇرۇشقا ۋە خىتايغىمۇ ھەددىنى بىلدۈرۈپ قويۇشقا چاقىرىق قىلىمەن. ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر
«رابىيە قادىر سودا سارىيى» نىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى
ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سودا ساھەسىدە كەڭرى تونۇلغان ئۈرۈمچىدىكى «رابىيە قادىر سودا سارىيى» ئۆتكەن جۈمە كۈنى چېقىۋېتىلگەن. مەزكۇر سودا ساراي، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە 1990-يىللاردىن كېيىن زور بىر تۈركۈم سودا-كارخانىچىلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تۈرتكە بولغان. خىتاي دائىرىلىرى 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، بىنانىڭ ساھىبى رابىيە قادىر خانىمنى مەزكۇر ۋەقەنىڭ قوزغىغۇچىسى دەپ ئەيىبلەش بىلەن بىرلىكتە، مەزكۇر سودا سارىيىغىمۇ پېچەت سېلىپ مۇلازىمەتتىن توختاتقان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بىنانى چېقىشنىڭ ئالدى-كەينىدە بىنانىڭ ساھىبى رابىيە قادىر خانىم ياكى ئۈرۈمچىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش قىلمىغان، جەمئىيەتكىمۇ چېقىلىش سەۋەبى ھەققىدە ئىزاھات بەرمىگەن. ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت ئالاقىدار قاناللىرى ئارقىلىق ئۈرۈمچىدىكى «رابىيە قادىر سودا سارىيى» نىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. بۇ ئۇچۇرنى تېخىمۇ تەپسىلىي ئىگىلەشكە تىرىشقان زۇمرەت داۋۇت خانىم، خىتاينىڭ دۆلەت ئاخباراتى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنى، جۈملىدىن دويىننى ئىزچىل كۆزەتكەن بولسىمۇ، مەزكۇر سودا-ساراينىڭ چېقىلىشىغا ئائىت ھېچقانداق بىر ئۇچۇر، ئۇقتۇرۇش ياكى رەسىم ئۇچراتمىغان. ساراينىڭ ساھىبى رابىيە قادىر خانىممۇ، ئۈرۈمچىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئالاقە ئۈزۈكلۈكى سەۋەبىدىن، بىنانىڭ نېمە ئۈچۈن چېقىلغانلىقى، ئىقتىسادىي زىياننىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىكى مۇخبىرلار مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرا خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ئىدارە ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ ئۇچۇرلارنى دەلىللەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، تېلىفۇننى قوبۇل قىلغان كىشلەر بۇ ھەقتە ئۇچۇر بىرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان ياكى تىلغا ئېلىشتىن قورقۇپ، بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. زۇمرەت داۋۇتقا كەلگەن ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، رابىيە قادىر سودا سارىيى چېقىلغان كۈنى جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان؛ بۇ تەدبىرلەرنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە مەزكۇر سودا ساراي جايلاشقان يول ۋە ئەتراپتىكى كوچىلار نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. ئەتراپتىكى ساياھەت ئورۇنلىرى زىيارەتتىن چەكلەنگەن. زۇمرەت داۋۇتنىڭ يەنە ئۇقۇشىچە، بىنا چېقىلىشنىڭ ئالدىدا ئەتراپتىكى دۇكان ۋە بىنالارنى تاقاش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان. زۇمرەت داۋۇت خانىمغا كەلگەن ئۇچۇردا بىنانىڭ پارتلىتىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىكى مۇخبىرنىڭ تېلىفۇنىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىممۇ، دائىرىلەرنىڭ ساراينى چېقىشنى مۇمكىن قەدەر شەپىسىز ئېلىپ بېرىشقا تىرىشقانلىقى، ئەمما بىنانىڭ پارتلىغان ئاۋازى بىلەن كوچىلارنى قاپلىغان ساقچىلارنىڭ ئەسلىدىنلا ئەنسىزچىلىك ئىچىدىكى شەھەردە تېخىمۇ ۋەھىمە پەيدا قىلغانلىقى، نەتىجىدە ساراينىڭ چېقىلىشنىڭ جەمئىيەتتە كەڭرى بىلىنىشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. تېلىفۇن زىيارىتى جەريانىدا، ئۈرۈمچىدىكى بىر ساياھەت ئىدارىسى خادىمى ساراينىڭ چېقىلىپ بولغانلىقىنى دەلىللىگەن. «رابىيە قادىر سودا سارىيى» 1990-يىلى سېلىنغان، بۇ سارايغا يانداش بىنا «ئەقىدە سودا سارىيى» بىلەن قاتقاندا جەمئىي 30 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە بولۇپ، 600 دىن ئارتۇق دۇكان، يىغىن زالى، توي سالونى، دەرسخانا ۋە مېھمانخانا ياتاقلىرىدىن تەشكىللەنگەن. ساراي سودا-تىجارەت ئىشلىرىدىن باشقا مىللەتپەرۋەر زىيالىيلارنىڭ ئۇچرىشىش جايى، ياش ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ تەربىيەلىنىش ماكانى، خەير-ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئىش باشلاش ئورنى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئورنىغا ئايلانغان. چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ سودا ساراي رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا رەئىس بولغان، پەرزەنتلىرى تۈرمىگە تاشلانغان ۋە 2009-يىلى بىناغا پېچەت سېلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي بىناكارلىق ۋە ئەنئەنىۋى سودا ماھارىتىنىڭلا ئەمەس، بەلكى مىللىي سىياسىي مەيدان ۋە ئىرادىنىڭمۇ سىمۋولىغا ئايلانغانىدى. بۇ سودا ساراي كۆپ يىللار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن تونۇش كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا كۆرۈشىدىغان، ئۇچرىشىپ پىكىرلىشىدىغان، ھەتتا تونۇشىدىغان، سودا ۋە دوستلۇق ئالاقىلىرى قىلىدىغان بىر مۇھىم سىمۋوللۇق تۈگۈنگە ئايلانغانىدى. مەنبە: https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/rabiye-sariyi-12092024142139.html
ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلىرىدىن مەمنۇنمىز، تېخىمۇ كەسكىن ئىپادە ئۈمىد قىلىمىز
تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ 77 – نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىشى بىزنى-مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈردى. شۇنداق، گەرچە ئەردوغان سۆزىدە ئەڭ ئېچىنىشلىق ھاللىرىمىزدىن بىرى بولغان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېردا جان تالىشىۋاتقانلىقىدەك ئېچىنىشلىق رېئاللىقىمىزنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ؛ چەتئەلدە يۈزمىڭلارچە ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلە -تاۋابالىرى بىلەن 7 يىلدىن بېرى تېلىفوندىمۇ سۆزلىشىش ئىمكانىدىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتمىگەن بولسىمۇ, يېقىنقى 3 يىلدا ئۇيغۇر نوپۇسىدا تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تىك سىزىقلىق تۆۋەنلىگەنلىكىدەك خەتەرلىك ۋەزىيەتنى بايان قىلمىغان بولسىمۇ، يەنىلا نامىمىزنىڭ تىلغا ئېلىنىشىدىن سۆيۈندۇق. چۈنكى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ -مەيلى دىپلوماتىيە مەيلى ئىچكى سىياسىيىتى جەھەتتە بولسۇن- تۈپ مەقسىتى دۇنياغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۇنتۇلدۇرۇش، ئۆزلىرى سادىر قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دۇنيانىڭ كۆزىدىن قاچۇرۇش. دەل مۇشۇ مەقسەتتە خىتاي ئۆتكەن يىلى پۈتۈن دىپلوماتىك كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى ھازىرلىغان ئۇيغۇر دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى بىر يىل كېچىكتۈردى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنىمۇ توسۇپ قالدى. ھەر يىلى ھەر ئايدا ئۆزىگە يانداش دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنى « شىنجاڭ زىيارىتى» گە تەشكىللەپ، سۈنئىي سەھنىلەرنى كۆرسىتىپ، قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەدەزلەۋاتىدۇ ۋە ھەتتا بۇ جىنايىتىگە قېرىنداش ۋە قوشنا دۆلەتلىرىمىزنى دۇمباق چالغۇزىۋاتىدۇ. شۇڭا ئەردوغاننىڭ ب د ت يىغىندا، نامىمىزنى تىلغا ئېلىشى تارىخىي بىر ۋەقە، بىزگە ئىلھام ۋە ئۈمىد بېغىشلايدىغان مەردانە بىر پوزىتسىيە. شۇنداق، سۆيۈندۇق، ئەمما سۆيۈنچىمىز يۈكسەك بىر پەللىدىمۇ ئەمەس، چۈنكى ، پەلەستىن، ئۇكرائىن، سۈرىيە ، ھەتتا روھىگا مەسىلىلىرىنىڭمۇ ئارقىسىدىن تىلغا ئېلىندۇق. سۆيۈندۇق، ئەمما يېتەرلىك ئەمەس، چۈنكى ئەردوغان ئەپەندىمنىڭ سۆزىدە خىتايغا قارىتا بىر كەسكىن تون، خەلقئاراغا قارىتا جىددىي مۇراجىئەت، ۋەزىيىتىمىزنىڭ ئوڭشۇژۇشى ئۈچۈن بىر جۈملىلىك بولسىمۇ كونكىرت بىر تەلەپ ۋە تەشەببۇسنى ئاڭلىمىدۇق. شۇنداقتىمۇ، ئەردوغان ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۇنتۇماسلىقى، بىرقانچە خەلقئارا مەسىلىدە ئىتتىپاقدىشى بولغان خىتاي ئاڭلاشنى خالىمايدىغان بىر تېمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ، بىزنىلا ئەمەس، دۇنيادا ھەق ۋە ئادالەتنى ياقلايدىغان دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنى، بولۇپمۇ مەزلۇم ۋە مەزلۇمنى ياقىلايدىغان خەلقلەرنى سۆيۈندۈردى. بۇ جەسۇرلۇق ئەردوغاننىڭ ھەق ۋە ئادالەت چاقىرىقىدىكى سەمىمىيىتىنى ۋە جاسارىتىنى نامايان قىلدى. چۈنكى ئەقلى ۋە ۋىجدانى ئويغاق ئىنسانلارغا مەلۇمكى ، بۈگۈن دۇنيادىكى ئۇرۇش ۋە توقۇنۇش مەيدانلىرىدا قان ئېقىۋاتقان بولسا ؛ شەرقى تۈركىستاندىكى لاگېر ۋە تۈرمىلەردە قان يىرىڭغا ئايلىنىۋاتىدۇ، بەدەنلەر چىرىۋاتىدۇ؛ ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ جەسىتىگە ئېسىلىپ يىغلاۋاتقان بولسا، ئۇيغۇر ئانىلىرى پەرزەنتلىرىنىڭ جەسىتىگىمۇ، ئۆلۈم ئۇچۇرىغىمۇ ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ، يىغلىغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىلەرگە تاشلىنىۋاتىدۇ. ئۇرۇش مەيدانلىرىدا جەسەتلەر سانىلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىكى جەسەتلەر سانالمايۋاتىدۇ، خىتاي ساناشقا ئىمكان بەرمەيۋاتىدۇ. دەردىمىز نۆۋەتتىكى ئۇرۇش رايونلىرىدىن نەچچە ھەسسە بەتتەر ھالەتتە. مەسىلىمىز يۈكسەك توندا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا مۇناسىپتۇر، جىددىي چاقىرىقلارغا مۇھتاجدۇر. بىز قېرىندىشىمىز تۈركىيەنىڭ خەلقئاارا سەھنىدىكى ئاكتىپ رولىنىڭ تېخىمۇ جانلىنىشى ئارزۇ قىلىمىز، ئاللاھ تۈركىيەنى ئامان ۋە كۈچلۈك قىلسۇن! ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر
كانادا جۇڭگونى ب د ت دوكلاتىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ھەل قىلىشقا چاقىردى
بۈگۈن يەنى 2024-يىلى 31-ئاۋغۇست كانادا يەر شارى ئىشلىرى تارمىقى ب د ت نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىش دوكلاتى ئېلان قىلىنغىنىغا ئىككى يىل بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ بايانات ئېلان قىلدى: دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى ھەمدە جۇڭگونىڭ بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى تۈزىتىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. كانادا بۇ دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ خەلقئارالىق جىنايەتلەرنى ، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كانادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئېغىر ئەندىشىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى ۋە ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشىگە يول قويمىغانلىقىنى بايان قىلدى. شۇنداقلا كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېلانى جولى بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشىلەرنى جۇڭگو دائىرىلىرىگە يەتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى. دوكلاتتا مۇنۇلار تىلغا ئېلىنغان: «ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان ۋە جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە ئۇچرايدۇ. دىنىي ئادەت ، بولۇپمۇ ئىسلام دىنى قاتتىق چەكلەنگەن ۋە مەسچىتلەر ئاساسلىق نىشان سۈپىتىدە چېقىۋېتىلگەن.» «ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى يەنە بالىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىدىكى دۆلەت قارمىقىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە مەجبۇرىي ئەۋەتىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو بۇ مەسىلىلەرنى ئوچۇق-ئاشكارە ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا ، بۇ نەتىجىنى رەت قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى مۇنازىرىسىنى توستى.» دوكلاتتا يەنە كانادا يەر شارى مىنىستىرلىكى ب د ت نىڭ باھالاشتىن ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتكەنل بولسىمۇ ، جۇڭگونىڭ بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى تۈزىتىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. كانادا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى ب د ت نىڭ تەۋسىيەلىرىنى ئىجرا قىلىشقا ، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە يول قويۇشقا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى. شۇنداقلا كانادانىڭ خەلقئارا شېرىكلىرى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ ، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەنبە: https://www.canada.ca/en/global-affairs/news/2024/08/statement-on-the-second-anniversary-of-the-un-assessment-on-human-rights-situation-in-xinjiang.html
« 5 -ئىيۇل»نى ھەم ئىپتىخار ھەم ئېچىنىش بىلەن ئەسلەيمىز
« 5 -ئىيۇل»نى ھەم ئىپتىخار ھەم ئېچىنىش بىلەن ئەسلەيمىز بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇنقى مۇشۇ كۈندە، ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈرۈمچىدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن شاۋگۈەندە كالتەكلەپ ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلىرىنىڭ ھېساۋىنى سورىدى. ئەلۋەتتە بۇ ئاددىي بىر جاسارەت ئەمەس ئىدى. چۈنكى بىر يىل ئاۋۋالقى ئوليمپىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئىجرائاتى تېخىچە داۋام قىلىۋاتاتتى. دوقمۇش-دوقمۇشتا ساقچى پونكىتلىرى بار ئىدى، كوچىلاردا تانكا-برونىكلار ھەيۋە كۆرسىتىپ مېڭىپ يۈرەتتى. يەنە شۇنىڭدىن بىر يىل ئاۋۋال قەشقەردە، ئاقسۇدا يۈز بەرگەن مىللىي قارشىلىق ھەركەتلىرى سەۋەپلىك، سوتسىز ئۆلۈم ۋە مۇددەتسىز قاماق جازالىرى ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىدى. مانا مۇشۇنداق تېرور ھاۋاسى ئاستىدىمۇ توپلىنالىغان ، تەشكىللىنەلگەن، جاراڭلىق شۇئارلىرى بىلەن ئۈرۈمچىنى تەۋرىتەلىگەن قەھرىمان قىز-ئوغۇللىرىمىز خىتاينى چۆچۈتتى. ئۇلارنىڭ قولىدا تۆمۈرنىڭ پۇچىقى يوق ئىدى، تەلەپلىرى شاۋگۈەن ۋەقەسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت تولىمۇ ئاددىي ئىدى. خىتاي نىمىدىن چۆچىدى؟ ئېنىقكى، بۇ نامايىشتا ئىپادىلەنگەن ئۇلاردىكى مىللىي ئاڭ، مىللىي ھىسسىياتتىن چۈچىدى. دەۋرلەردىن توختىماي باستۇرۇپمۇ بۇ مىللەتتىكى مىللىي روھنى سۇندۇرۇپ بوالالمىغانلىقى ئۈچۈن ئالاقزادە بولدى. شۇڭا بىز 5 -ئىيۇل نامايىشىدا ئاكتىپ رول ئالغان گۈلمىرە ئىمىن قاتارلىق بارلىق قەھرىمان قىز-ئوغۇللىرىمزدىكى خىتاينى چۆچۈتكەن بۇ مىللىي روھتىن ئەبەدىي پەخىرلىنىمىز!!! ئەلۋەتتە دۈشمىنىمىز، نورمال بىر دۈشمەن ئەمەس. نامايىشنى، ئادالەتنى، ھەققانىيەتنى چۈشىنىدىغان بىر كۈچ ئەمەس. شۇڭا نامايىشچىلارنى قانلىق باستۇردى: ماشىنىلىرىغا تارتىپ سۆرەپ بېسىپ قاماقخانىلىرىنى تولدۇردى، بىر قىسىمىنى تار-كوچىلارغا قىستاپ ئوققا تۇتتى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە توپ-توپ تۇتقۇن قىلىپ بىر قىسمىنى كەستى، ئىماممەمەت ئەلى قاتارلىق بىر قىسىمىنى ئىز-دېرەكسىز غايىپ قىلدى. بۇ قانلىق ئىجرائات يالغۇز خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قولى بىلەنلا چەكلەنمىدى، شەھەردىكى خىتاي كۆچمەنلىرى كالتەك-توقماقلىرى بىلەن كوچىغا چىقىپ، ئالدىغا كەلگەن ئۇيغۇرنىڭ جېنىغا خىرىس قىلدى، قەست قىلدى. دېمەك دۈشمەن ئۆز تەبىئىتىنى، پەيلىنى ۋە شۇم نىيىتىنى يەنە بىر قېتىم بىزگە كۆرسىتىپ قويدى. بۇ ۋەھشىيلىكلەرنىڭ قۇربانى بولغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى چوڭقۇر ئېچىنىش بىلەن ئەسلەيمىز!!! سەۋەبى، شۇئارى ۋە نامى نىمە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر « 5-ئىيۇل»، خىتاي ئىشغالىيىتىدىن كېيىن باشلانغان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەش سەپىرىمىزنىڭ بىر پارچىسىدۇر. بۇ سەپەردە تۆلىگەن ھىچ بىر بەدەلنى ئۇنتۇمايمىز ۋە بۇ سەپەردىكى بارلىق شېھىد ۋە مەھبۇسلىرىمىزغا، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا ، بۇ خاتىرە كۈندە يەنە بىر رەت ھۆرمەت بىلدۈرىمىز!!!! ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر
رابىيە قادىر: خاكان فىداننىڭ قۇچاقلاشلىرىدىن سۆيۈندۇق، سۈكۈتىگە ئېچىندۇق
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىر خاكان فىدان 4 - ۋە5-ئىيۇن كۈنلىرىدىكى ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر زىيارەتلكىرى داۋامىدا، ئۇچراشقان ۋە ئۇچراشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى باغرىغا باستى، قىزغىن سالاملاشتى؛ سۆيۈندۇق. ئەمما، ئېغىزىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر جۈملە سۆز چىقمىدى، ئېچىندۇق. خاكان فىدان زىيارەت داۋامىدا ئۈرۈمچى شەھەر ئاساسى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدھىيە ئوقۇپتۇ. ئەلۋەتتە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى پۈتۈن دۇنياغا ئايان . بىز ئۇيغۇرلارمۇ، بۇ تەرەققىياتنى ھىچقاچان ئىنكار قىلىپ باقمىدۇق. مەسىلە، بۇ تەرەققىياتنىڭ ئۇيغۇرلارغا بايلىق، تېنچلىق ۋە بەخت-سائادەت ئەمەس، بالايى- ئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكى. خىتاي مۇشۇ ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ، شەرقى تۈركىستاندا 380 ئورۇندا لاگىر ۋە تۈرمە تەسىس قىلدى، 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى بۇ جايغا سولاپ بېسىقتۇرالىدى. خىتاي مۇشۇ ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلسىدە تۈرك-ئىسلام ئالىمىنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلىدى. خاكان فىدان رايوندا ئۇيغۇر تىل ۋە مەدەنىيىتىنىڭ قوغدالغانلىقىنى تىلغا ئاپتۇ. خىتاينىڭ كۈتكۈنى دەل شۇ جۈملە ئىىدى. چۈنكى بۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى يوق دېگەن ئىنكارچىلقىنىڭ باشقىچە ئىپادىسى. ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى مەۋجۇت قىسمى خىتاينىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەركبەتلىرىدىن ئامان قالغانلىرىدۇر. بۇ خىتاينىڭ مەرھىمىتىنىڭ ئەمەس، تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەبىىي قوغدۇنۇش خۇسۇسىيتىنىڭ نەتىجىسى. خىتاي بۇ قەدەمىي مەدەنيەتنىڭ مانا مۇشۇ ئامان قىلغان قىسمىنىمۇ يوق قىلىش ئۈچۈن، رايوندا ئاخىرقى چارە سۈپىتىدە، ئىشغالىيەتتىن بۇيانقى باستۇرۇش ھەركەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق پەللىسىگە كۆتۈردى. ئەلۋەتتە خاكان فىداننىڭ كۆك رەڭلىك گالاستۇكىدىن، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى قۇچاقلىشىدىن، ئۇيغۇر بوۋاي-مومايلار بىلەن ئەھۋاللىشىدىن باغرىمىز ئىللىدى. ئەمما، خاكان فىدان ئۇچراشقان مۇھىتىدىن كېلىۋاتقان سىگنالنى توغرا چۈشىنەلىدىمۇ، بۇنى بىلمەيمىز. مەسىلەن، قەشقەردە ئۇ قولىنى سۆيگەن موماي نىمە ئۈچۈن يىغلايدۇ؟ » مەن ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويۇڭ» دېسە، نىمە ئۈچۈن دۇئا قىلالماي، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇرىۋالىدۇ؟ ئەگەر خاكان فىدان ئاشكارىلىنىپ قالغان « شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى»نى بىر ۋاراقلاپ باقسا ، پەقەت دۇئاقىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان مىڭلارچە ئانىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆز ياشلىق رەسىملىرىنى كۆرىدۇ. 2012 -يىلى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بازارنى زىيارەت قىلغاندا، كوچىنىڭ ئىككى تەرپىدە لىق ئۇيغۇرلار بار ئىدى. خاكان فىدان چۆلدەرەپ قالغان چوڭبازارنى ۋە ھېيتگاھنى ئايلىنىۋاتقاندا «قېنى ھېلىقى توپ-توپ ئۇيغۇرلار؟» دىيەلىگەن بولسا ئۈرۈمچىدە ئىگىز بىنا، كاتتا فابرىكىلارنى كۆرگەندە، بۇنىڭ قانچە پىرسەنتى يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ؟» دەپ سورىيالىغان بولسا، باراۋەر ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى زىيارەتنىڭ ھاۋاسىنى ھېس قىلغان بولاتتۇق. خىتاينىڭ دۆلەت پۈتۈنلىكى ۋە ئىگىلىكى ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى يۈكسەك توندا بايان قىلغان خاكان فىداندىن، مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ھەققىدە، ئەگىتىپ، پۇرۇتۇپ بولسىمۇ، بىرەر جۈملە گەپ قىلىشىنى كۈتكەن ئىدۇق. خاكان فىدان خالىي سۆھبەلەردە، بىز ئۈچۈن گەپ قىلغان بولۇشىمۇ مۈمكىن، ئەمما، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. خىتايغا باش ئەگمەي كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋىي بىر يېتەكچىسى ۋە كۈرەشچىسى سۈپىتىدە، خاكان فىدانغا مۇنۇ كۆڭۆل سۆزلىرىمنى سۇنىمەن: خىتاي نازاكەتنى ئاجىزلىق دەپ بىلىدۇ، سىزنىڭ ئايىغىنىڭىزنى قورقۇنچاقلىق دەپ بىلىدۇ. تۈركىيە بۇ دەرىجىدىكى ئېھتىياتچانلىقى بىلەن دىپلوماتىيەدىلا ئەمەس، سودىدىمۇ تەقەززا بولۇۋاتقان مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. قەشقەردىكى موماي، سىزگە دۇئا قىلالمدى، مەن قىلىىمەن :تۈركىيەنىڭ بارلىق مەنپەئەتلىرىنى ئاللاھ قوغدىسۇن! ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر
رابىيە قادىر: قاتىلدىن تېنچلىق ھەققىدە دەرس ئاڭلاش ھاقارەتتۇر
فرانىسيە پرېزدېنتى ماكرون خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى پارىجزدا قىزغىن كۈتىۋالدى. ماكرون سۆھبەتتە كانياك سودىسىنى ئاساسى تىما قىلغاندىن باشقا، ئۇكرائىنىيە مەسىلسىدە شى جىنپىڭنىڭ مۇرەسسەچىلىك قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. شى جىنپىڭ ئۇكرائىنىيە ئۇرۇشىدىكى ئىككى تەرەپنى ئۆزئارا سۆبەتكە دەۋەت قىلدى. دۇنيانىڭ ئەڭ ئەركىن دۆلەتلىرىدىن بىرىنىڭ پرېزندېتى، دۇنيانىڭ ئەڭ دىكتاتور بىر ھۆكۈمدارىدىن تېنچلىق ھەققىدە دەرس ئاڭلىدى. بۇ بىر مەسخىرىلىك ۋە ھاقارەتلىك بىر سەھنىدۇر. ئەسلىدە شەرقى تۈركىستاندا 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگىرغا سولاپ چىرىتىۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ تېنچلىق ۋە دىيالوگدىن ئېغىز ئېچىش سالاھىيىتى يوق ئىدى. فرانسىيە پارلامېنتىمۇ 2012 -يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىجرائاتلىرىنى قىرغىنچىلىق دەپ تونىغان ئىدى. ماكروننىڭ شى جىنپىڭنى ئۇكرائىنىيە مەسىلىسىدە ئەلچىلىككە دەۋەت قىلىشى، ماھىيەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش، خەلقئاارا سەھنىدە ئۇنتۇلدۇرۇش ۋە شى جىنپىڭنى قىرغىنچىلىقنى داۋام قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. خىتاينىڭ ئۇكرائىنىيە مەسىلىسىدە روسىيەنى تېخىچە ئىشغالچى دەپ ئاتىمىغانلىقى، غەرپنىڭ روسىيەگە قارىتا ئىقتىسادىي ئىمبارگولىرىنى رەت قىلغانلىقى ۋە روسىيە بىلەن سودىسىنى 64% ئاشۇرغانلىقى دۇنياغا ئايان بىر رېئاللىق. بۇ دېمەك خىتاي ئۇكرائىنىيە ئۇرۇشىدا تەرەپسىز بىرسى ئەمەس، بۇ ئۇرۇشتىن كاتتا پايدا ئېلىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ ئىچىدىكى بىرسىدۇر. ئۇرۇشنىڭ بىر تەرەپدارىدىن ئەلچىلىكنى كۈتۈش ئەقىلسىزلىقتۇر. ماكرون شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبىتىدىكى بۇ ئەقلىي، ئەخلاقىي ئاجىزلىقىنى » دىپلوماتىيە»، «ئىستراتىگىيە»، «دۆلەت مەنپەئەتى دېگەندەك» سۆزلەر بىلەن پەدەزلىشى مۈمكىن. ئەمما سۆھبەتنىڭ شى جىنپىڭنىڭ خورىكى ئۆستۈرگەنلىكى ئەتىسىلا ئاشكارىلاندى. شى جىنپىڭ فرانىيەدىن ئايرىلىپ بېلگرادقا كەلگەندە غەرپكە قارشى ئىنتىقام باناياتى ئېلان قىلدى: 25 يىل بۇرۇن ناتونىڭ خىتاينىڭ بېلگراددىكى ئەلچىخانىسىنى پارتىلاتقانلىقىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەلچىخانا ھۇجۇمغا شۇ كۈنلەردىمۇ خىتاي بۇنچىلىك قاتتىق بايانات بېرىشكە جاسارەت قىلالمىغان ئىدى. خىتاينى تېخىچە چۈشۈنۈپ بولالمايۋاتقان، تېىخىچە ئۇنىڭدىن تېنچلىقتا ئەلچىلىكنى كۈتىۋاتقان ماكرون قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سەمىگە شۇنى سالماقچىمەن: خىتاي سوقۇشىۋاتقان ئىككى قوشنىسىنى ئەپلەشتۈرمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشىنى تاماشا قىلىدۇ، بىرى ئۆلۈپ، يەنە بىر ئاجىزلىغاندا، ئەنە شۇ ئاجىزلىغانغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ مېنىڭ سۆزلىرىم ئەمەس، خىتاينىڭ » سۈنزى بىڭفا» دەپ ئاتىلىدىغان ھەربىي دەستۇرىدىكى كۆرسەتمىلەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۈگۈن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي بۇ جىنايىتىنى يوشۇرۇش ۋە ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، دۇنيادا يەنە ئاز دېگەندە 10 يەردە ئۇزۇرۇش بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ماكرون كانياكنى ئىنسان ھاياتىدىن ئۈستۈن تۇتتى، فرانسىيە خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋە ئىرادىسىگە خىلاپ ئىش قىلدى. ئىشىنىمەنكى، فرانسيە خەلقى ماكروندىن بۇ قىلمىشىنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ. ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى، رابىيە قادىر